ئۇيغۇر پوچتىسى، 6-مارت
ئىنگىلىزچە ئۇيغۇر تايمىزنىڭ كەڭ تارقالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تاراتقۇلار ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پارلامېنت مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارفىيە ئېرىگە قارشى بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنى ئىلىپ بارغان. ئارفىيە ئېرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا جاۋابەن، بۇ تاراتقۇلار قاتتىق تىللار ۋە شەخسىي ھاقارەتلەرنى قوللانغان.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئارفىيە ئېرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇشىغا قارىتا قايتا-قايتا ئەندىشە بىلدۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «زەھەرلىك تىكەن» ۋە «سەت» دېگەندەك كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىدى.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چېتىشلىق «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» (Global Times) ئېلان قىلغان بىر سىنلىق خەۋىرىدە، ئارفىيە ئېرىنى «دېۋانىچە قىزغىنلىقى چەكتىن ئاشقان بىر مۇرتەد» دەپ تەسۋىرلىدى. شۇنداقلا ئۇنى «ئۆزىنىڭ مىللىي سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى ياپونىيە كابىنېتى ئىچىدىكى بىر «زەھەر» ۋە «زەھەرلىك ئۇنسۈر» دەپ ئاتىدى. خىتاينىڭ «دويىن» (Douyin) سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ سىن بەش كۈن ئىچىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق «ياقتۇرۇش»قا ئېرىشكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئارفىيەنى «疆毒» (جياڭ دۇ، يەنى «شىنجاڭ زەھىرى») دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ تەلەپپۇز جەھەتتىن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان ياكى مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇرلارغا قوللىنىدىغان «疆独» (جياڭ دۇ، يەنى «شىنجاڭ مۇستەقىلچىسى») دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ.
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار پارلامېنت مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارفىيە ئېرى ئنسان ھەقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىسىدۇر. ئۇ 1988-يىلى كىتاكيۇشۇ شەھىرىدە ئۇيغۇر دادا ۋە ئۆزبېك ئانىدىن تۇغۇلغان، 1999-يىلى ياپونىيە گراژدانلىقىغا ئۆتكەن. ئۇ جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئىلگىرى ياپونىيە بانكىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىدا سىياسىي ۋە تىنچلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بۇ ھاقارەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. 4-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى توشىھىرو كىتامۇرا ئارفىيە ئېرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى نىشان قىلغان سۆزلەرنىڭ «ئىنتايىن نامۇۋاپىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئېغىر ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىگە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەھۋالنى تۈزىتىشنى ۋە شەخسنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلانغان بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.