1952- يىلى6- ئاينىڭ 26-كۈنى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،1970- يىلى« «ئاتالمىش زىيالى» نامىدا يېزىغا سۈرگۈن قىلىنغان.1972- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن.1971-يىلى ئاتالمىش«شىنجاڭ گېزىتى»گە يۆتكىلىپ، كاتىپ بولغان.
1984-1980-يىلغىچە «شنجاڭ» ئۇنۋېرستىتى تۇنجى ئاچقان«ئاخبارات كەسپى»دە ئوقىغان.
2005- يىلغىچە مۇخبىر، «زىيارەت مۇلاھىزە» بېتىدە ئالى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «چۇقان»قاتارلىق 4 ئەدەبىي ئاخباراتى شەرقىي-شىمالدىكى5 ئۆلكە بويىچە 1-،2-،3-مۇكاپاتقا؛بىرى«ئىجتىمائىې پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا؛ ئەدەبىي ئاخبارات«يۇرت ئوغلى» يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ2002- يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
« ئۇيغۇر چاپايوپ كىم؟» ناملىق ئەسىرى2025- يىلى چەتئەلدە تۇنجى تەسىس قىلىنغان«تارىم ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ۋەتەندە :
ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلامى«غېرىپ شىۋاقلار»؛
چەتئەلدە:
«ئوكيانىيەدە ئۇيغۇر ساداسى»،(ئۇيغۇر،تۇرك،ئېنگلىس تىلىدا)
«يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدۇر،
قۇتادغۇبىلىك ئۇنىڭ سۆزىدۇر»(ئۇيغۇر، ئېنگلىس تىلىدا)؛
ئۇيغۇر «چاپايوپ كىم؟»
قاتارلىق 4 كىتاب نەشىر قىلغان.
ئىلمىي ماقالىلىرى:
1.« قۇتادغۇبىلىكتىكى گۈل-چېچەكلەر بايانىدىن
قەدىمىي گۈل مەدەنىيىتىمىزگە بىرنەزەر»؛
2.«چىڭ خان سارىيىدىكى تۇتقۇن ئىپارخان توغرىسىدا ئىزدىنىش»
3«ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىستانبول سۆيگۈسى»؛
4.«مائارىپچى،مۇزىكانت، شائىر مەمەتئىلى تەۋپىق»؛
5.«ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى مىراسلىرىدىن چىنە-ساماۋار ئۇسسۇلى»
6. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئات ئۈستى مەدەنىيىتى،چاقپىلەك
سارغايدى ھەققىدە»
7.«ئۇيغۇر قەھرىمانى- رىزۋانگۈل»؛
8.ئۇيغۇر خەلق تىياتىر سەنئىتى تارىخى»…
قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى تۈرك، خىتاي،
فرانسوز تىللىرىغاتەرجىمە قىلىنىپ، خەلقئارا ئىلمىي يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن.