1952- يىلى6- ئاينىڭ 26-كۈنى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،1970- يىلى« «ئاتالمىش زىيالى» نامىدا يېزىغا سۈرگۈن قىلىنغان.1972- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن.1971-يىلى ئاتالمىش«شىنجاڭ گېزىتى»گە يۆتكىلىپ،  كاتىپ بولغان.

1984-1980-يىلغىچە «شنجاڭ» ئۇنۋېرستىتى تۇنجى ئاچقان«ئاخبارات كەسپى»دە ئوقىغان.

2005- يىلغىچە مۇخبىر، «زىيارەت مۇلاھىزە» بېتىدە ئالى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. «چۇقان»قاتارلىق 4 ئەدەبىي ئاخباراتى شەرقىي-شىمالدىكى5 ئۆلكە بويىچە 1-،2-،3-مۇكاپاتقا؛بىرى«ئىجتىمائىې پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا؛  ئەدەبىي ئاخبارات«يۇرت ئوغلى» يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ2002- يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

« ئۇيغۇر چاپايوپ كىم؟» ناملىق ئەسىرى2025- يىلى چەتئەلدە تۇنجى تەسىس قىلىنغان«تارىم ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ۋەتەندە :

ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلامى«غېرىپ شىۋاقلار»؛

چەتئەلدە:

«ئوكيانىيەدە ئۇيغۇر ساداسى»،(ئۇيغۇر،تۇرك،ئېنگلىس تىلىدا)

«يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدۇر،

قۇتادغۇبىلىك ئۇنىڭ سۆزىدۇر»(ئۇيغۇر، ئېنگلىس تىلىدا)؛

ئۇيغۇر «چاپايوپ كىم؟»

قاتارلىق 4 كىتاب نەشىر قىلغان.

ئىلمىي ماقالىلىرى:

1.« قۇتادغۇبىلىكتىكى گۈل-چېچەكلەر بايانىدىن

قەدىمىي گۈل مەدەنىيىتىمىزگە بىرنەزەر»؛

2.«چىڭ خان سارىيىدىكى تۇتقۇن ئىپارخان توغرىسىدا ئىزدىنىش»

3«ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىستانبول سۆيگۈسى»؛

4.«مائارىپچى،مۇزىكانت، شائىر مەمەتئىلى تەۋپىق»؛

5.«ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى مىراسلىرىدىن چىنە-ساماۋار ئۇسسۇلى»

6. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئات ئۈستى مەدەنىيىتى،چاقپىلەك

سارغايدى ھەققىدە»

7.«ئۇيغۇر قەھرىمانى- رىزۋانگۈل»؛

8.ئۇيغۇر خەلق تىياتىر سەنئىتى تارىخى»…

قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى تۈرك، خىتاي،

فرانسوز تىللىرىغاتەرجىمە قىلىنىپ، خەلقئارا ئىلمىي يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن.