ئۇيغۇر پوچتىسىغا ئەسەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىزنىڭ غايە ۋە پىرىنسىپلىرىمىزنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزغا، تور بېتىمىزدىكى ئالاقىدار ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە پرىنسىپلىرى
ئەسەر قوبۇل قىلىنىدىغان تۈرلەر
تۆۋەندىكىدەك تۈرلۈك تېمىلاردا ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزنى، ئۇچۇر ئەۋەتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز:
- خەۋەر يىپ ئۇچى
- قىسقا ماقالە
- ئوبزور
- ئەسلىمە ۋە تارىخىي ئەسەر
- مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تېمىلىرى
- ساياھەت ۋە يېمەك-ئىچمەك
- كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە باھا
- ئاۋام ئاۋازى
- سىياسىي ئانالىز
- زىيارەت ماقالىلىرى
- ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىق تېمىلاردا ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
ھەر بىر تېمىدا ئىزدەنگەن بولۇشى ياكى بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغان بولۇشى، يېڭى پىكىر، پىرىنسىپ، ئاۋامغا قىممەتلىك ۋە پايدىلىق بولغان بولۇشى كۈتۈلىدۇ.
باشقا قائىدىلەر
- ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش، مەزمۇنىنى قىسقارتىش، ئېلان قىلىش-قىلماسلىق ھوقۇقى «ئۇيغۇر پوچتىسى»دا بولىدۇ.
- ئەسەر 5 كۈنگىچە ئېلان قىلىنمىسا، سىزگە جاۋاب قايتۇرمىساق، ماقالىڭىزنى باشقا ئورۇنلاردا ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.
- «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرگە ھەق تۆلىمەيدۇ، ھەق تەلەپ قىلمايدۇ.
- ئەسەرلەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى بولسۇن. كۆچۈرۈلگەن ئەسەر قوبۇل قىلىنمايدۇ، مەسئۇلىيەتكە ئاپتور ئۆزى جاۋاپكار بولىدۇ.
- باشقا تور بېكەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ناھايىتى جىددىي ۋە مۇھىم بولسا، ياكى تارىخىي ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بولسا، ئېلان قىلىش ئاندىن ئويلىشىلىدۇ
- ئوبزورلار ۋە ماقالە-ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
- بىزدە ئىلان قىلغان ماقالىڭىزنى باشقا جايلاردا ئىلان قىلماقچى بولسڭىز،
خەۋەر يىپ ئۇچى تەمىنلەش، ماقالە-ئەسەر ئەۋەتىش ئۈچۈن ئالاقە ئادىرىسى: [email protected]