ئالپ ئۇيغۇر تەييارلىغان، 2025-يىلى، 29-سېنتەبىر
«بىز 2014- يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. 11 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتىمىز. ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرىمىز، ئالتە بالىمىز بار. يولدىشىم تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن. 25- دېكابىر سەھەر سائەت ئىككى بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ يولدىشىمنى تۇتۇپ چىقىپ كەتتى. باللار بەك قورقۇپ كەتتى.»