مەن بۈگۈن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10:30 دا، ئىستانبۇلدا خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن تاپانچا بىلەن ئېتىلىپ ئېغىر يارىلانغان، شۇ كۈندىن ھازىرغىچە بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پۈتۈنلەي پالەچ ھالدا يېتىۋاتقان يۈسۈپجان ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچى. توختىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلغان «مۇراجىئەت» ناملىق يازمىسىنى (ياكى سىنلىق مۇراجىئىتىنى) دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
يۇقىرىقىلار يۈسۈپجاننىڭ بەش يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندە، ئامالسىز قالغانلىقىدىن ياردەم سوراپ چىقارغان مۇراجىئىتى.
يۈسۈپجان ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۆز ۋاقتىدا تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەردە قايتا-قايتا ئېلان قىلىنىپ كەڭ تارقالغان بولغاچقا، گەپنى ئۇزارتقۇم يوق. يۈسۈپجان كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك تېخى ياش بالا. مەن ئىككى يىل بۇرۇن يوقلاپ بارغان ۋاقتىمدا، ئۇ يەنە بىر تۈرك بىلەن ئىككى كىشىلىك بىر ياتاقتا ياتقان ئىكەن. بېشىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ، ئۇزۇن يىللاپ يېتىۋەرگەچكە ئۇ يەر، بۇ يەرلىرى يىرىڭلاپ تېشىلىپ كەتكەن ئىكەن. كەلگەنلىكىمىزدىن خوش بولۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ خېلى كۆپ گەپ قىلىپ بەردى. ئىككى قولىنى سەل-پەل مىدىرلىتالايدىغان بولغان ئىكەن. مەن: «سىلىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ سەينادىكى ئوتلاقتا بىردەم يۇمىلىتىپ قوياي، ئىككىمىز دېڭىزغا ئېلىپ كىرەيلى، بەللىرىگە كەلگۈچە سۇغا كىرگۈزۈپ بىردەم سۇ ئۈزدۈرەيلى…» دېدىم. ئەمما ئۇ ئىدارىنىڭ مەسئۇللىرى: «خەتەرلىك… بولمايدۇ…» دەپ يول قويماسمىش.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى؛ كىم-كىملەر، قانچە كىشى بۇ قېرىندىشىمىزنى يوقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ؟ تەشكىلات ۋە رەھبەرلىرىمىز قانداق ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ؟ يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئۇزىرىپ كەتتى؟ يۈسۈپجان نېمە ئۈچۈن بەش يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ياردەم سوراپ مۇراجىئەت چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى؟ ۋەتەن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلار مۇشۇنداق خارلىشىپ، تاشلىنىپ قالسا، ئاخىرى ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولسا… بۇلار مېنى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىچىمنى تاتىلاپ ئويلاندۇرۇۋاتقان سوئاللار.
كۆپچىلىك، ئىچىمىزدە تەشكىلات رەھبەرلىرىمىز، سىياسەتچىلىرىمىز، بايلىرىمىز، ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئاڭلىق زىيالىيلىرىمىز بار. ئوقۇغان، تەجرىبىلىك رەسمىي دوختۇرلىرىمىز بار. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇشۇ خىل ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى ئەمەسمۇ؟ تەشكىلات رەھبەرلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ رۇخسەت ئالسا، سىياسەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ دۆلەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرسە، دوختۇرلىرىمىز — بولۇپمۇ مۇشۇ خىل پالەچ كېسەللەر ساھەسىدە تەجرىبىلىك دوختۇرلىرىمىز — قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ داۋالاشقا تىرىشىپ باقسا… تىرىشىش دوختۇرلىرىمىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن بولۇپ ساقىيىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
TL
TR14 0015 7000 0000 0130 7041 65
YUSUFUJIANG AIMATIJIANG
USD
TR13 0015 7000 0000 0131 4005 46
YUSUFUJIANG AIMATIJIANG
EURO
TR61 0015 7000 0000 0131 4005 55
YUSUFUJIANG AIMATIJIANG
QNB FİNANS BANK. EN PARA
TEL: 0505 572 2822