ئۇيغۇر پوچتىسى، 2-ئاپرىل

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تەھرىردىن: بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قۇل قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا جەمئىيەت پىسخىكىسى ۋە تارىخىي ئامىللار نۇقتىسىدىن ئېلىپ بارغان شەخسىي تەھلىلىدۇر. «ئۇيغۇر پوچتىسى» تەھرىر بۆلۈمى جەمئىيىتىمىزدىكى كۆپ خىل قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەركىن مۇنازىرە مۇھىتى يارىتىش مەقسىتىدە بۇ ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدۇ.

جىنايەتنىڭ زېمىنى نەدە؟

بىر ئىنسان ياكى ئىنسانلار توپىنى قۇل قىلىش جىنايەت، ئەمما بۇ جىنايەتنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن جىنايەتچىنى تېپىشلا ئەمەس، بەلكى شۇ جىنايەتنىڭ زېمىنى تېپىلىشى ۋە قۇرۇتۇلۇشى ئەجەللىك ئامىل. قۇللۇق دېيىلگەندە بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ خىيالىغا ئافرىقىلىقلار كېلىدۇ. ئۇلارنى ئافرىقىدىن تۇتۇپ ئامېرىكىدا قۇل قىلغان ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەرگە بولغان نەپرەت ئىنسانلارغا ئورتاق. ئەمما نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بىر مەسىلە بار. نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا يۆتكەلگەن قۇللار ياۋروپا ياكى ئاسىيا قىتئەسىدىن ئەمەس، پەقەتلا ئافرىقىدىن؟ سەۋەبى، بۇ جەمئىيەتلەردە ياۋروپالىقلار كېلىشتىن بۇرۇنلا قۇللۇق قوبۇل قىلىنغان، ئۇنى نورمال تىجارەتنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇپ بولغان ئىدى.

ئافرىقىدا ئومۇملاشقان قۇل سودىسى نەتىجىسىدە سېتىلغان قۇللار ياۋروپا ۋە ئاسىياغا قەدەر كېڭەيگەن. ئەرەبلەر بۇ سودىنى 15-ئەسىرلەردە ياۋروپالىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئەۋج ئالدۇرغان. ئەنئەنىۋى قۇللۇق تۈزۈم ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە يەمەننىڭ بىكار قىلىشى بىلەن 1970-يىللاردا ئەمەلدىن قالدى.

بۈگۈنكى قۇللۇق مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىزدە زامانىۋى قۇللۇقنىڭ ئۈچ ئامىلى تەڭلا مەۋجۇت. ئەمما تۆۋەندە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كېسەلگە چىقىرىلىپ تۇتۇلۇشى، قۇل ئورنىدا زاۋۇتلارغا سېتىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ تويلۇق ۋاستىسى بىلەن جىنسىي قۇللارغا ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىمىز.

سۆزنى سوئال بىلەن باشلايلى: نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى قۇللۇقنىڭ قۇربانى بولدى؟ خىتاي مۇستەملىكىچىلەر ئۆيمۇ ئۆي قوراللىق كىرىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشتىن، لاگېرلاردىن چىقىرىپ يەرلىكتىكى زاۋۇتلارغا ياكى دېڭىز بويىدىكى شىركەتلەرگە سېتىشتىن بۇرۇن، بىزدىمۇ ئافرىقىلىقلاردەك قۇل بازىرى، قۇل سودىسى بارمىدى؟ قۇللۇقنى قوبۇل قىلغان تەرىپىمىز بارمىدى، ئەجابا؟ خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىغا باھا پىچىپ، خىتاي خېرىدارلارغا تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار قىزلارغا باھا بېكىتكەنمىدى؟ قىز-ئاياللارنى ئېلىم-سېتىم قىلغانمىدى؟

يەنە بىر سوئالنى سوراپ باقايلى: خىتاي بىزنى ئاشقۇن ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن زەھەرلەنگەن، ئەسەبىيلىكنى سىڭدۈرۈۋالغان دېيىشتىن بۇرۇن، بىز ئۆزىمىزنى كېسەك، ئىللەتلىك دەپ قارىمىغانمىدۇق؟ ئۆزىمىزگە بولغان ناتوغرا باھايىمىز، ئۆزىمىزگە قويغان گۇناھكار، گۇمانلىق، كېسەل دېگەن دىياگنوزىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ھەقلىقلەشتۈرمىدىمۇ؟ جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ قەۋم-قېرىنداشلىرىمىز تۇتۇلغاندىن كېيىن خىتايدا: «بىزمۇ ئەسكى خەق! تۇخۇمنى تاشقا ئۇرىمىز، ھالىمىزنى چاغلىمايمىز، بىز زادى لاگېرلارغا لايىق، مۇشۇنداق ئادەملەرنى لاگېرغا قاماپ ياخشى قىلدى» دېمىدۇقمۇ؟ تۈركىيەدە بىرەر ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ بولغىچە: «تۈركىيەنى تىللاپتىكەن، سۈرىيەگە تېلېفون قىپتىكەن، بىز شۈكۈر قىلىپ تىللىمايلى، بىرەر گۇناھى بولمىسا تۇتمايتتى، زادى بىرەر چاتىغىمىز بار بىزنىڭ، قوغلىۋەتمىگەنگە شۈكۈر قىلساق بولىدۇ، نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغاندىكىن بىر قانچەيلەننى تۇتسا نېمە بوپتۇ» دېمىدۇقمۇ؟ بىز بۇرۇن ئۇيغۇرلار خىتايدا تۇتۇلغاندا دەيدىغان سۆزنى، تۈركىيە ئاك پارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنى تۇتقاندا تەكرارلاش ئارقىلىق زالىملىقنى ھەقكە چىقارغىنىمىزنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟

قوبۇل قىلالمىساقمۇ، ئىچىمىزدىن قان كەتسىمۇ راستىنى ئېيتايلى، بىزدە يۇقىرىقى ئىككىلا ئامىل بار. بىرى، بىز ئۆزىمىزگە قۇلغا پىچقان باھانى بېكىتكەن، قىز-ئاياللارنى مال ئورنىدا كۆرگەن. يەنە بىرى، خىتايدىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى ئىللەتلىك دەپ دىياگنوز قويۇپ، كېسەلگە چىقىرىپ بولغان. خىتاي «دوختۇرخانا» قۇردى، كۆلەملەشتۈردى. بىز ئىنسانغا قويغا ئوخشاش باھا بېكىتكەچكە، خىتاي بۇنى شىركەتلەشتۈردى، كەسپىيلەشتۈردى، قولايلاشتۇرۇپ بازار ئاچتى. بىزدە بازار بولمىغان بىلەن باھا ۋە مال بار ئىدى. ئىنساننى مال ئورنىدا كۆرگەن يەردە مال بازىرى شەكىللەنمەي قالامدۇ؟ ئەپسۇس! بۇ ئەھۋال خىتايدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بار. ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى، ھازىرمۇ بار. غەربتە باھاسى بېكىتىلگەن تويلۇق دېگەن نەرسە يوق، ئەمما غەربتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا ھېلىمۇ بار.

گەپنى ئۆزىمىز قوبۇل قىلغان قۇللۇقتىن باشلايلى. بىزدە ئەر بولساق قىزىمىزنىڭ، سىڭلىمىزنىڭ؛ ئايال بولساق ئۆزىمىزنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىزدە قىز-ئاياللارنىڭ باھاسى بار. قىز بولسا قانچە، چوكان بولسا قانچە، ئايلىقچى بولسا قانچە، ئىشسىز بولسا قانچە ئېنىق. دوختۇر قىزلارنىڭ باھاسى مانچە پۇل، دېھقان قىزلارنىڭ باھاسى مانچە پۇل دېگەنلەر ھەممىگە مەلۇم، مۇقىم باھا. قەشقەردە 2014-يىللاردا كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان سېستىرا قىزلارنىڭ باھاسى 70 مىڭ خىتاي پۇلى بولۇۋاتقان. ئۈرۈمچىدە باھا ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

خىتاينىڭ يەرلىك ئورگانلىرى 2012-يىللاردىن باشلاپ كورلا ۋە ئاقسۇنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىدە ئۇيغۇر قىزلارنى خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇشنى سىناق قىلىشقا باشلىغان، 2017-يىلدىن باشلاپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيگەن. ئەمما 2020-يىللاردىن كېيىن بۇ سىياسىي ھەرىكەتتىن سودا پائالىيىتىگە ئۆزگەردى؛ بۇرۇنقى پارتىكوملار ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە بۈگۈن لايىق تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىگە ئايلاندى. ھەر قېتىم خىتاي شىركەتلىرى چىقارغان «ئۇيغۇر قىزلارنىڭ تويلۇق جەدىۋىلى»نى ئوقۇسام تېنىم تىكەنلىشىدۇ، باھالار دەل يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە يېزىلغان: توي قىلمىغان، پەرزەنتسىز، مۇئاشلىقلارنىڭ باھاسى يۇقىرى؛ تۇل، ئىشسىز، بالىلىقلارنىڭ تۆۋەن. ئەتراپىمدا بىرى «مانچە پۇل تويلۇققا خوتۇن ئالدىم»، «مانچىلىك ئالتۇن تويلۇق ئېلىپ ئەرگە تەگدىم» دېسىمۇ ئېسىمگە «قۇل» دېگەن ئۇقۇم كېلىپ سەزگۈرلىكىم ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنى ئويلاپ باقايلى، بىزدە قىرغىنچىلىق باشلىنىشتىن بۇرۇن خۇددى قەدىمكى ئافرىقىلىقلاردا قۇللارنىڭ باھاسى بېكىتىلگەندەك قىزلارنىڭ بازار باھاسى بېكىتىلمىگەن بولسا، ئۆزىمىز قىزلارنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى باھالاپ، جەمئىيىتىمىزدە ئومۇملاشتۇرمىغان بولساق، خىتاي قىز-ئاياللىرىمىزنى بازارغا سېلىپ باھا قويالامتى؟ شىركەتلەر باھا جەدىۋىلى چىقىرىپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا خېرىدار ئىزدەمتى؟

ئۇيغۇرلارنىڭ 18-ئەسىردىن كېيىن مۇستەملىكىگە چۈشكەندىن باشلاپ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئېنىق، ئايىغى چىقماس كەمسىتىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا كەمسىنىشنى پەيدا قىلغانلىقى رېئاللىق ئىدى. ئەمما 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار پۇرسەتتە، ھوقۇقتا باراۋەر بولالماسلىق، قانۇن ئالدىدا خىتايلار بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلەلەرنى «مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر» دەپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە پاس چىقىرىپ كەمسىنىشنى ئومۇملاشتۇرغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. بۇنىڭ تىلدىكى تىپىك ئىپادىسى «ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس» دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىكى ئىللەتلەر سەۋەبلىك باراۋەر ھوقۇق، پۇرسەت ۋە ئادىللىققا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «جوڭگو مىللەتلىرى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا نەچچە ئون يىللاپ تەرغىپ قىلىندى. «ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس» دېگەن سەھىپە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بازارلىق سەھىپىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق كەمسىنىش كەيپىياتى ھەر بىر ئۇيغۇردا ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش، خىتايلار ۋە چەتئەللىكلەردىن تېخىمۇ تۆۋەن كۆرۈشتەك شەخسىي تۇيغۇنى ھەمدە شەخستىن باشلىنىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان مىللىي چۈشكۈنلۈكنى پەيدا قىلدى. ئۆزىنى ئىللەتلىك دەپ قاراش شەخسىي كەمسىنىشكە سەۋەبكار بولسا، ئۆز مىللىتىنى ئىللەتلىك دەپ قاراش مىللىي كەمسىنىشكە ھامىلدار.

ئۇيغۇردىكى كەمسىنىشنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار تاجاۋۇزچىلىقنىڭ دەردى، يۈز ئەللىك يىلدىن ئارتۇق مۇستەملىكىگە دۇچار بولۇشتۇر، ئەمما پەقەتلا مۇنقەرزلىك، مۇستەملىكە بولۇشلا بىزدە ئىككىنچى پۇقرالىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن ئەمەس. بۇ تۇيغۇ ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ 80-يىللاردىن كېيىن خىتاي مىللەتچىسى لۇشۈننى ئۈلگە قىلىپ بازارغا سالغان مىللەتنى كېسەلگە چىقىرىپ ئوپېراتسىيە قىلىشى سەۋەبلىك چوڭقۇرلاشقان. ئۇلار ئىللەتلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسىنى ماقال-تەمسىلگە ئايلاندۇرۇپ، كىتاب يېزىپ، ژۇرنال نەشىر قىلىپ، كەمسىنىشتە بىر مودا ئېقىم پەيدا قىلغانلىقى تېخىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇلارچە خىتاي بىگۇناھ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دۇنيادا ھوقۇقسىز قېلىشىمۇ، ئىقتىسادىي دۇنيادا نامرات قېلىشىمۇ، پەندە يۈكسىلەلمەسلىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئىللىتىدىن بولغان ئىدى.

دېمەك، خىتاي لاگېرلارنى قۇرۇپ مىليونلىغان كىشىلەرنى «كېسەل» دەپ «بالنىست»قا ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلاردا بىز ئىللەتلىك دېگەن تۇيغۇ شەكىللىنىپ بولغان. ئۆزىنى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلىكتەك، جىنايەتچىدەك، گۇمانلىقتەك، كېسەلدەك كۆرۈيدىغان تۇيغۇ خېلى بازار تاپقان. خىتاي خۇددى ئىچىمىزدىكىنى بىلىۋالغاندەك، لاگېرلارنى قۇرغاندا ئۇنى «دوختۇرخانا» دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇرلارنى قاماققا ئالغاندا: «بىز ئۇلارنى داۋالاۋاتىمىز، بۇ بىر ھەقسىز بالنىستتا يېتىش پۇرسىتى» دېدى.

2023-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇھاجىرەتتە شاھىتلارنى ئىزدەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھۆججەتلەشتۈرۈش جەريانىدا خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ، «داۋالاش» دېيىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ چەتئەللەرگە تەسىر قىلىپ، ئۇيغۇردىكى كەمسىنىشنى تېخىمۇ ئۇلغايتقانلىقىنى بايقىدىم. بۇنىڭ ئىپادىلىرى: ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن خۇدۇكسىرەش، ئۇيغۇرلۇقىنىڭ بىلىنىپ قېلىشىنى خالىماسلىق، ئۆز مىللىتىدىن ئۇزاق ياشاش، سىياسىي، ئاممىۋى، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق.

مۇھاجىرەتتە كەمسىنىشكە گىرىپتار بولغانلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، ئۆزىدىن، مىللىتىدىن كەمسىنىدىغانلىقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك بىنورماللىق، پىسخىك ساقسىزلىق دەپ قارىمايدىكەن. بۇنداق كىشىلەر ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇردىن ئىسەنكىرەشنى، ئۇيغۇرلۇقتىن قورقۇشنى ئۇيغۇردا چېقىمچىلىق، جاسۇسلۇق، ئالدامچىلىق، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئىللەتلەر بولغانلىقتىن دەيدىكەن. شۇڭا تۈركلەر، ئەرەبلەر ۋە ئافغانلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە ياشايدىكەن.

ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان يەنە بىر تۈركۈم بار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنى ئاڭلىق، زامانىۋى، مەدەنىي كىشىلەر سانايدىكەن. ئۇلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى، دىنىنى، مىللىتىنى كەمسىتىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشمىغاندىن سىرت مۇسۇلمانلارنىمۇ كەمسىتىدىكەن، ھەتتا كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىكەن. ئۇلار «مەن پاناھلىق تىلەپ قالمىغان» دېگەننى بەكرەك تەكىتلەيدىكەن. ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى پارلاق كەچمىشىنى، ھالاۋەتلىك ھاياتىنى، شانلىق تارىخىنى سۆزلەشكە ھەۋەسمەن كېلىدىكەن. ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى مىللەتچى، ئوڭچى، ئىرقچى ۋە كۆچمەنلەرگە قارشىلارغا مايىل ئىكەن. ھاكىمىيەتكە ئاڭسىز سادىقلىق بىلدۈرىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقسانلىق ئىكەنلىكىگە ھەمدە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ خاتا قىلمايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىكەن.

ئۈچىنچى تۈركۈم تېخىمۇ ئاشقۇن بولۇپ، ئۇلار پەرزەنتىگە خىتايچە ئۆگىتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، شىنجاڭ يۇرتداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ، خىتايچە ئۆگىنىپ، خىتاي ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدىغانلار ئىكەن. ئۇلار بۇنى ۋەتەندىكىلەرنى قوغداش، كېلەچەكتە ۋەتەندىكىلەر بىلەن، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ پەرزەنتى بىلەن ئالاقە قىلىشقا قولاي، ھەتتا «دۈشمەننىڭ تىلىنى بىلسەڭ بوزەك بولمايسەن» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەن يۇقىرىقى ئۈچ تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى كۆردۈم، سۆھبەتلەشتىم. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئۆزىنى ئىلغار، زامانىۋىلىشىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلۇقنى قالاق، كەينىگە چېكىنىۋاتقان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىكەن. ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان ئەلدىكى يەرلىكلەرگە قېتىلىپ كېتىش ھەۋىسىدە ياشايدىكەن.

مەن بۇنداق كەيپىياتنى بىرى ئۆزىمىزنى ئىللەتلىك دەپ كەمسىنىشنىڭ، يەنە بىرى خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەسىرى دەپ قارايمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىتاي زوراۋانلىقى ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى جەزىملەشتۈرۈۋالغان ھەمدە بۇ ئاجىزلىقنى ئۆزى ياشاۋاتقان ئەلگە، ھۆكۈمەتكە ۋە مەدەنىيەتكە بېقىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاتىدارچىلىقىغا سىغىنىش ئارقىلىق يەڭمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن، مىللىتىدىن كەمسىنىپ، كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتلىق رېئاللىقنى مەڭگۈلۈك ھالەت دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

خىتاي ئومۇمىي تۇتقۇننى باشلاپ، يۇرت-يۇرتلارنى قۇرۇقداپ، مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئۇيغۇر ئەمەلدار، دىندار، ئىلىمدار ۋە زەردارلارنى تۇتۇپ، كوچىلارنى ئادەمسىز قويغاندا مۇھاجىرەتتىكىلەردىن بەزىلەر تىركەشتى. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئامان قالغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپمۇ قالدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر جان قايغۇسىدا قورقۇپ كەتكىنىدىن ھەممە ئۇيغۇرنى ئاجىز، قالاق، تەرتىپسىز دەپ تەن ئالدى. ۋاقىت ئۆتۈپ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولمىغانچە، ئۇلار ئۆزىنى، يېقىنلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قارشىلىقنى ئەمەس، بويسۇنۇشنى تاللىدى. بۇ كۆپىنچە ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك جەريان. ئەمما ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ۋە ئېغىرلاشقان كەمسىنىش، قارشىلىقنىڭ كەسكىن، ئىزچىل ۋە ئۈزۈل-كېسىل داۋاملاشماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

مەنچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى كېسەل دەپ قارىشى، ئىللەتلىك دەپ قاراپ لاگېرلاردا «داۋالىشى» يالغۇز خىتاي مەنتىقىسى ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى قۇل ئورنىدا تويلۇق ئاتالغان باھا بىلەن بازارغا سېلىشىمۇ خىتاينىڭ ئىجادى ئەمەس. بىزنىڭ ئۆزىمىزدە شۇ «كېسەللىك»نى تەستىقلايدىغان ئەھۋال بار ئىدى، شۇ قۇللۇقنى تويلۇق دەيدىغان كەيپىيات مەۋجۇت ئىدى، ئۆزىنى قۇل ۋە كېسەل ساناشنى، باھا قويسا نەپرەتلەنمەسلىكنى قوبۇل قىلىپ كېتەلەيدىغان بىر زېمىنمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇ ھالەت، بۇ كەيپىيات مۇھاجىرەتتە قارشىلىقلارنىڭ كۈچسىزلىكىگە، قوشۇننىڭ زەئىپلىكىگە، ئارقا سەپ يارىمى ۋە ئاممىۋى قوللاشنىڭ زەئىپلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ھېچقاچان خىتاينىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلغان قىز-ئاياللارغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بەرگەنلىكى، جەمەتىنى لاگېردىن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى ئىلتىپات قىلغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك ماددىي قىزىقتۇرۇشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقىنىمىز يوق. ئەمما يۇقىرىقى ئامىللار بولغان تەقدىردىمۇ، تويلۇقسىز رازى بولغان مىسالنى تېپىش تەس.

خوش، جىنايەتكە سەۋەب بولغان زېمىننى، روھىمىزنى چۈشەپ تۇرغان، غۇرۇرىمىزنى مەست قىلىۋالغان كەيپىياتنى، قۇللۇقنى تويلۇق دەپ قوبۇل قىلىۋالغان ئادەتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ قاچان، قانداق ئىسلاھ قىلىمىز؟ قۇرئاندا شۇنداق ئايەت بار: «بىر قەۋم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلاھ قىلمايدۇ».

خۇلاسە: ئىسلاھات ئۆزىمىزدىن باشلىنىدۇ

خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى كېسەل دەپ قارىشى يالغۇز خىتاي مەنتىقىسى ئەمەس. بىزنىڭ ئۆزىمىزدە شۇ «كېسەللىك»نى تەستىقلايدىغان ئەھۋال بار ئىدى، شۇ قۇللۇقنى تويلۇق دەيدىغان كەيپىيات مەۋجۇت ئىدى. بۇ ھالەت مۇھاجىرەتتە قارشىلىقلارنىڭ كۈچسىزلىكىگە، ئارقا سەپ ۋە ئاممىۋى قوللاشنىڭ زەئىپلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.

خوش، جىنايەتكە سەۋەب بولغان زېمىننى، روھىمىزنى چۈشەپ تۇرغان، غۇرۇرىمىزنى مەست قىلغان كەيپىياتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ قۇرئاندا شۇنداق ئايەت بار: «بىر قەۋم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلاھ قىلمايدۇ».