ئۇيغۇر پوچتىسى، 2-ئاپرىل

ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى منستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) پەيشەنبە كۈنى (2-ئاپرېل) خىتاينىڭ پاناما بايرىقى چىقىرىلغان پاراخوتلارنى تۇتۇپ قېلىش قىلمىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ۋە يەر شارى سودا سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇبىيو ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان پاناما بايرىقى چىقىرىلغان پاراخوتلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئېغىر ئەندىشە» قوزغىغانلىقىنى، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ پانامانى «سۇۋېرىن دۆلەت، شۇنداقلا يەر شارى سودىسىنىڭ مۇھىم ھەمراھى» دەپ ئاتىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىنى تۇتۇپ قېلىش، كېچىكتۈرۈش ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىدۇ.» رۇبىيو بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە دېڭىز ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا خىتاي تەۋەلىكىدە پاناما پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ پاناما ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، پاناما ئالىي سوت مەھكىمىسى 1997-يىلىدىن بۇيانقى پورت ئىمتىيازى قانۇن رامكىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار چىقارغان. مەزكۇر رامكا پىروگراممىسى بويىچە، شياڭگاڭ (ھونكونگ) تىجارىتىدىكى خېجى پورتى (Hutchison Ports) گۇرۇھىغا قاراشلىق پاناما پورت شىركىتى بالبوئا (Balboa) ۋە كرىستوبال (Cristóbal) دىن ئىبارەت ئىككى پورتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بۇ ئىككى پورت ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان پاناما قانىلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان.

رۇبىيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار پانامانىڭ سۈزۈكلۈك ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا بولغان سادىقلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ جەمئىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پانامانىڭ يەنىلا خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بېيجىڭ تەرەپ بولسا مەزكۇر قارارنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى سەمىمىيەتكە خىلاپلىق قىلىش ۋە توختام روھىدىن يېنىۋېلىش دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قارارلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تالاش-تارتىش ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدىكى، بولۇپمۇ يەر شارى دېڭىز سودىسىنىڭ %5 نى ئۈستىگە ئالغان پاناما قانىلى ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچىگە بولغان ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو باياناتىدا يەنە: «ئامېرىكا قەتئىيلىك بىلەن پاناما بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ ۋە بۇ مۇھىم ھەمراھىمىز بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.