ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈپ

(ئۇيغۇر پوچتىسى ئوخشمىغان ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ئاۋازلىرىغا سەھنە بىرىش قائىدىسى بويىچە، ئىنتىرنىتتا تارقالغان، كۆپ خىللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەۋەر ۋە ماقالىلارنى ئ‍ىلان قىلىدۇ.)


20 يىلدىن بۇيان مەككىدە ياشاۋاتقان، جامائەتچىلىكنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش، كىشىلەرگە خالىسانە ياردەم قىلىش بىلەن تونۇلغان ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ياخشىلىق سۆيەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئاكىمىز ئابدۇلكەرىم ھاجىم (قەشقەرىي) بۈگۈن مىلادى2026-يىلى3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. مەرھۇمغا ئاللاھ تائالادىن فىردەۋس جەننىتى، پەرزەنتلىرىگە سەۋر ۋە ئەجىر ئەزىم تىلەيمىز.
ئابدۇلكەرىم ھاجىم قەشقەرىي 1966-يىلى قەشقەر شەھەر كۇنا ئۇرۇس كۇنسۇلخانىسى ئارقىسىدىكى «قۇرۇق تېرەك»مەھەلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆزى سالىھ مەرېپەتپەرۋەر، ۋەتىنىنى، يۇرت – جامائىتىنى ۋە مىللىتىنى ياخشى كۆرىدىغان كەمتەر، ئىشچان، مەرت، سېخې كىشى ئىدى. ۋەتەندىكى ۋاقتىدىمۇ ئەل-جامائەتنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ قىلىدىغان، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدىغان كىشى ئىدى.
ئابدۇلكەرىم ھاجىم ۋەتەندە «قېزىل گۈل» مىللىې تائاملار تۇرت پېچىنە-پىرانىك رېستورانىنى ئاچقان. بۇ كىشى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ قولى ئوچۇق، سېخى، مەرت ئادەم بولۇپ، يېتىم-يېسىرلارغا ۋە مۇختاجلارغا كۇپ ياردەم قىلاتتى يۇرت چوڭلىرى ۋە ئېلىم ئەھلىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ، داستىخان سېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپ خىزمىتىدە بولغان.
مەرھۇم مەككىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ ئېلىم سۆيەرلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆپ ئەجىر قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىن چىقېپ خىتتاي زۇلمىدىن قۇرقۈپ يۇرتىغا قايتالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى ئاچقان بولۇپ، بۇ يولدا ھارماي -تالماي ئىشلەپ كۆپ تەر تۆككەن، مەككىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ توي- تۆكۈن ۋە ھېيىت- بايراملاردىكى يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىجتىمائىي خىزمەتتە ئۈلگە ياراتقان.
مەرھۇم قولى ئوچۇق، ئۆزى سېخى ئادەم بولۇپ، بۇ ئېسىل خىسلىتىنى ئۇزىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلىرىدىمۇ قەتئىي توختىتىپ قويمىغان. پۇرسەت تاپىسىلا ئىلىم – ئەھلى، مۇساپىر، تالىبۇل ئىلىم ۋە يېتىم- يېسىرلارغا داستىخان سېلىپ، ئۆزىنىڭ مېھماندوستلۇقى مۇھاجىرەتتىكى جامائىتىمىزنىڭ قەلىب قېتىدىن يۈكسەك ئۇرۈن ئالغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىگە ئىمان سالغان ۋە ئۇلارغا ئىسلام دىنىمىزنى ئۆگىتىپ يېتىشتۈرگەن.
ئاللاھ تائالامەرھۇم ئاكىمىزنى ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە داخىل قىلغاي، ئورنىنى فىردەۋس جەننەتلىرىدىن قىلغاي، ئائىلە ئەزالىرىغا سەۋر-تاقەت، ئەجىر-ئەزىم ئاتا قىلغاي، ئامىن.