ئۇيغۇر پوچتىسى
11-مارت
2-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىننېس دۇنيا رېكورتى رەسمىي تور بېكىتى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇش كەسپىنىڭ 2023-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەلى مۇسانىڭ بىر مىنۇتتا 188 قېتىم «قوش ئايلانما سەكرەش» (Double Under) نەتىجىسى بىلەن يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ نەتىجە ئىلگىرىكى رېكورتتىن 4 قېتىم كۆپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىققان «بىر مىنۇتلۇق قوش ئايلانما سەكرەش» تۈرىدە تۇنجى گىننېس دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ قالدى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەلى كىچىكىدىنلا پۇتبول ئويناشقا ئامراق بولۇپ، مەيداندا تاۋلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېسىل بەدەن ساپاسىنى يېتىلدۈرگەن. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مەكتەپنىڭ ئارغامچا سەكرەش كوماندىسىغا تىزىملاتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ بوكس ۋە پۇتبول ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئېتىراپقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە ساھەسىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلار كۆپ بولسىمۇ، خىتاينىڭ تار مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتىن توسۇش خاھىشى كۆپلەپ تەنقىد قىلىنغان.
ئارغامچا سەكرەش كوماندىسىنىڭ ختاي مەشقاۋۇلى ئۇنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئەلى ئالاھىدە تىرىشچان، جاپاغا چىداملىق يىگىت. دەل ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ تەر تۆككەنلىكى ئۈچۈنلا بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدى. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، ئۇ پەقەت قوش ئايلانما سەكرەش تۈرىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن تۈرلەردىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە ئىگە. كوماندىمىز ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورى، تەڭرىتاغ تورى ۋە شنلاڭ تورى بۇ ھەقتە خەۋەرلەرنى ئىلان قىلغان.