ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-مارت
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خەلق تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەستىقلانغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نوپۇس يۆتكەش ۋە بايلىق توشۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە داۋاملىشىۋاتقان قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. خىتاي تۆمۈريولى 1-چارلاش-لايىھەلەش ئىنستىتۇتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چارلاپ لايىھەلىگەن غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى رەسمىي تەستىقلانغان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ دىيشىچە، بۇ جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تۆمۈريول تورى بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تۆمۈريول تۈرىنىڭ ماھىيەتلىك يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىتاي داۋام قىلىۋاتقان بۇ تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خىتاي مىللىتى يادرولۇقىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكى تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.