ئۇيغۇر پوچتىسى

1-ئاپرىل

ئاۋسترالىيەدىكى MMH فوندى جەمئىيىتى (MMH Foundation) تۈركىيەدە تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن نامىدا مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تارىخىي بىر قەدەم: مىللى تارىخچى نامىدىكى تۇنجى مۇكاپات

2018-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ خىراجىتىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان MMH فوندى جەمئىيىتى، بۇ قېتىم خەلقئارالىق ئەنئەنىلەرگە ماس ھالدا، ئۆز ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ نامىدا مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان.

بۇ دائىرىدە، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدىكى زور خىزمەتلىرى، جۈملىدىن 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» قامۇسىنىڭ مۇئەللىپى، تارىخشۇناس ۋە ژۇرنالىست دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ نامىدا ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تەسس قىلىنىشى ھەققىدە ئۇيغۇر پوچتىسىغا مۇنداق دىدى:

«مەن ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدە 3 شەھەردە ئىلمىي سەپەردە بولۇپ، سيدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفەسسور دەيۋىد بروپى ( David Brophy)نىڭ رىياسەتچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەندىن كېيىن ھەمدە بۇلاردىن باشقا سيدنېي، ئادېلايد، مېلبورنې قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئېلى جامائىتىگە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە بىر قانچە مەيدان لەكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ئاسۋترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ممھ خەيرى ساخاۋەت فوندى مېنىڭ نامىمدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تەرغىبات قىلىدىغان يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان بىر ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ۋە مېنىڭ رازىلىقىمنى سورىغانىدى. مەن بۇ مۇھىم ئىشقا رازىلىق بىلدۈرگەنىدىم. مانە ئەمدى ئۇلار رەسمىي قارار بىلەن بۇ ئوقۇش مۇكاتىنى رەسمىي تارقىتىش ئىشىغا كىرىشىپ، بۇ خەۋەرنى ماڭا يەتۈزدى. ئەلۋەتتە، ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. ئۇلار، بۇ يىل تارىخ كەسپىدىكى بىر ماگىستىر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات تارقىتىش، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ھەمدە تۈركىيەدىن باشقىمۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇر ماگىستىر ياكى دوكتورلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇشىغا ياردەم كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، مېنىڭچە بۇ ناھايتى ياخشى بىر پلان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، كەلگۈسىدە بۇ ساھەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك مۇتەخخەسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم ۋە شەرەپلىك خىزمەتتۇر. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان خەلقئارا سەۋىيەدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان يۈزلىگەن تارىخشۇناسلار يېتىشىپ چىقىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخى مۇھىم مەنىۋى ئاساستۇر. ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن، تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىمىگەن مىللەتنىڭ كېلەچىكى غۇۋا بولۇشى شۈبھىسىز.»

مۇكاپاتقا ئېرىشىش شەرتلىرى

بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە بىر نەپەر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

  • كىملىكى: ئۇيغۇر بولۇشى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇشى لازىم.
  • ئوقۇش ئارقا كۆرۈنۈشى: تارىخ پەنلىرى بويىچە باكلاۋېرلىق (Bachelor) ئوقۇشىنى تاماملىغان بولۇشى، ھەمدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش ئالدىدا بولۇشى شەرت.
  • نىشانى: كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تارىخىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە تەرغىپ قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە پۇرسەت

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئىقتىسادىي ياردەمدىن سىرت، يەنە دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى

قىزىققان نامزاتلار ئۆزلىرىنىڭ تەپسىلىي تەرجىمىھالى (CV) ۋە تولدۇرۇلغان جەدۋەلنى 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 17:00 گىچە تۆۋەندىكى ئېلېكترونلۇق ئادرىسقا يوللىسا بولىدۇ:

???? [email protected]