ئۇيغۇر پوچتىسى

مەدەنىيەت

ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە تارىخىي ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش مەقسىتىدە، تونۇلغان تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەخسۇس «ئۇيغۇر تارىخى دەرسخانىسى» رەسمىي دەرس باشلىدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قاتنىشىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ لىكسىيەلەر، ئۇيغۇر تارىخىنى ئاكادېمىك ئۆلچەمدە سىستېمىلىق ئۆگىنىشنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تور مەكتىپى بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتىدا، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ كۇچا، تۇرپان ۋە لوپنۇر رايونلىرىدىن بايقالغان قەدىمىي خارابە قەبرىستانلىقلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئەزەلدىن بۇ جايلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن دەيدىغان ساپسەتىلەر ئەۋج ئالماقتا

تارىخى ھۈججەت: ستالىن ختايغا:«شنجاڭنى بېسۋىلىش»نى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

2-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «مېھرىبان ئانا» مەكتىۋى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە جامائەت ۋەكىللىرى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى.

يېقىندا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سەنئەت فېستىۋالى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، گۈزەل تۇيغۇلار ۋە چوڭقۇر تەسىرلەر بىلەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدىم. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ فېستىۋالغا 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، پائالىيەتكە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىشتى.

بوستان مائارىپىنىڭ قوللىشى ھەم تۈزۈپ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن نەشىر قىلىنغان " ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى"  بۇ يىلقى ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ يېڭىدىن نەشىردىن چىقتى.

21-فېۋرال — دۇنيا ئانا تىل كۈنى. ھەر يىلى بۇ كۈندە ھەرقايسى ئانا تىل مەكتەپلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، سەرخىللار مائارىپى ۋە تاڭ نۇرى ئانا تىل مەكتىپى ئوخشىمىغان شەكىللەردە، مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى تەبرىكلىدى.

11-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە ئىتالىيەنىڭ ۋېنېتسىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر سەنئىتى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. فېستىۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە، 13-فېۋرال كەچتە 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سانتا مارگېرىتا ئاۋدىتورىيەسىدە (Auditorium Santa Margherita) لوندوندىكى «مىراس يىپەك يولى كوللېكتىپى» (Miras Silk Road Collective) ئۆزىنىڭ نادىر كونسېرتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتى — مۇقام ۋە ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ كونسېرت ۋېنېتسىيەلىك تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلدى.

ئىزدەش