ئۇيغۇر پوچتىسى

23-مارت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە كومىتېتى جۈمە كۈنى (20-مارت) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى (ب د ت) كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشى ب د ت نىڭ ئورگان سۈپىتىدىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغىمۇ جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋام پالاتاسى خامچوت كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، كومىتېت رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مايكول ۋالتزدىن (Michael Waltz) مۇنداق سوئال سورىغان: ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن قانداق ھەمكارلىشىپ، ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىقىنى (سۈزۈكلۈكىنى) كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

جەمئىي 34 بەتلىك مەزكۇر دوكلات «خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىرلىرى» (Inside China’s Strategy to Reshape the United Nations) دەپ ئاتالغان. دوكلاتتا پارلامېنت ئەزالىرى «خىتاينىڭ ب د ت دىكى سىستېمىلىق ھەرىكىتى» دەپ خاراكتېرلىگەن بىر قاتار تاكتىكىلار يىغىنچاقلانغان. بۇلار: ب د ت غا تاپشۇرىدىغان پۇلنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، خىتاي پۇقرالىرىنى ب د ت نىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئۆزىنىڭ سودا مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئىشلىتىش ھەمدە دۆلەت بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ ب د ت نى ئىچىدىن ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ب د ت نىڭ قارار چىقىرىش يۆنىلىشىنى بېيجىڭ ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە قاراپ يېتەكلىگەن.

ب د ت غا تاپشۇرىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش

ئۆتكەن 20 يىلدا، خىتاينىڭ ب د ت غا قىلغان ئىقتىسادىي ياردىمى يىلدىن يىلغا ئېشىپ ماڭغان. خىتاينىڭ ب د ت نىڭ دائىمىي خامچوتىدىكى نىسبىتى 2006-يىلىدىكى 2.053% تىن ئېشىپ 2026-يىلى 20.004% كە يەتكەن بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ 22% لىك نىسبىتىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت غا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ ئېشىشى بېيجىڭغا يېڭى سىياسىي ھوقۇقلارنى بەرگەن. خىتاي پۇلنى تۇتۇپ قېلىش ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش تاكتىكىسى ئارقىلىق، ب د ت نى ئۆزىگە سىياسىي جەھەتتە يول قويۇشقا مەجبۇرلىغان ۋە تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز مەنپەئەتىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە بۇرالايدىغان ھالەتكە يەتكەن.

2023-يىلى يۈز بەرگەن مەبلەغ يېتىشمەسلىك كىرىزىسى سەۋەبىدىن ب د ت خادىم قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشلىرىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. دوكلاتتا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ كىرىزسنىڭ سەۋەبى بېيجىڭنىڭ پۇل تاپشۇرۇشنى «قەستەن» كېچىكتۈرۈشى سەۋەب بولغانلىغى قەيت قىلىنغان. خىتاي سۇدان، ئۇكرائىنا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشلىرىگە مەبلەغ ئاجرىتىشنى توسۇشقا ئۇرۇنغان ھەمدە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى قارشى تۇرىدىغان بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قالغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى (IFAD) غا قىلغان ياردىمى مىسال قىلىنىپ، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ب د ت نىڭ ۋەزىپىسىنى ۋە خام چوتىنى قانداق يېتەكلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، خىتاينىڭ IFAD غا قىلغان ياردىمى «ساخاۋەت ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەبلەغ» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

2026-يىلى 3-ئايدىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي 1981-يىلىدىن بۇيان IFAD غا جەمئىي 361 مىليون دوللار ئەتراپىدا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ مەزگىلدە مەزكۇر ئورگاندىن 1.31 مىليارد دوللار ئېتىبار قەرز ئالغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ھەر بىر دوللار مەبلىغى بەدىلىگە 3.51 دوللار ئېتىبار قەرزگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي بۇ مەبلەغلەرنى ئۆزىنىڭ «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى» نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلەتكەن.

مۇھىم ۋەزىپىلەرگە خىتاي پۇقرالىنى قويۇش ئارقىلىق ئورگانلارنى ئىچىدىن كونترول قىلىش

ئۆتكەن 20 يىلدا، ب د ت سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 187% ئېشىپ، 1664 كە يەتكەن. خىتاي سىستېمىلىق ھالدا ئۆز پۇقرالىرىنى ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 2021-يىلىغىچە بولغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ب د ت قارمىقىدىكى 15 مەخسۇس ئورگاننىڭ تۆتىگە خىتايدىن كەلگەن شەخسلەر رەھبەرلىك قىلغان.

دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر قانچە تىپىك شەخسلەر مىسال قىلىنغان:

  • كۇ دوڭيۈ (Qu Dongyu): ب د ت يېزا-ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك تەشكىلاتىنىڭ (FAO) باش مۇدىرى. ئۇ سايلام جەريانىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ،  بېلەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ئورگان ئىچىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەرنى قەستەن كېچىكتۈرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
  • ۋۇ خۇڭبو (Wu Hongbo): ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بويىچە سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى. ئۇ 2017-يىلى ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانى تەكلىپلىك ۋەكىل بولۇشىغا قارىماي ب د ت مۇنبىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە كېيىن خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە «ۋەتەن مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىقى» بىلەن ماختانغان.
  • ليۇ فاڭ (Liu Fang): خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ (ICAO) سابىق باش كاتىپى. ئۇ خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى «ئەپسۇنلۇق مۈشۈك ئېيىق» (Emissary Panda) غا چېتىشلىق تور ھۇجۇمى تەكشۈرۈشىنى كېچىكتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن.

تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن قورال قىلىش

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار رايونلارغا، مەسىلەن جەنۇبىي سۇدانغا ئورۇنلاشتۇرغان. جەنۇبىي سۇدان نېفىتىنىڭ %70 تى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. خىتاي ب د ت نىڭ ئىسمىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان ۋە ئەسكەرلىرىگە جەڭ تەجرىبىسى توپلىغان.

ساختا «غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى» ئارقىلىق سىستېمىغا سىڭىپ كىرىش

تەكشۈرۈشتە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتاي خەلقىنىڭ چەتئەللەر بىلەن دوستانە ئۆتۈش جەمئىيىتى»گە ئوخشاش، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسىغا تەۋە بولغان ئورگانلارنى «غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى» (NGO) سۈپىتىدە ب د ت غا كىرگۈزگەن.

2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ب د ت دا «مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى»گە ئېرىشكەن خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى 134 كە يەتكەن. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ كومپارتىيە بىلەن بولغان ئورگانىك ئالاقىسىنى قەستەن يوشۇرۇپ كەلگەن. خىتاي بۇ ساختا جەمئىيەتلەر ئارقىلىق ب د ت مۇنبەرلىرىدە بېيجىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلىگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بېرىلگەن تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە تەۋسىيەلەر

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى خىتاي تەسىرىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كونكرېت تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

  • نىزامنامە پىرىنسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: ب د ت نى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نىزامنامە پىرىنسىپلىرىغا قايتۇرۇش ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەرەپسىزلىكىنى قوغداش.
  • سۇيىئىستېماللارنى سۈرۈشتۈرۈش: خىتاينىڭ ب د ت سىستېمىسى ئىچىدە ئېلىپ بارغان بارلىق سىستېمىلىق سۇيىئىستېماللىرىنى ۋە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش.
  • سالاھىيەتنى قايتا باھالاش: خىتاينىڭ ب د ت دىكى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىش (بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئورۇنسىز ئىمتىيازلارغا ئېرىشىشىنى توسۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ).
  • نازارەتنى كۈچەيتىش: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا پارلامېنتقا يىللىق دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش