ئۇيغۇرپوچتىسىدىن ھەبىبۇللائىزچى تەييارلىدى
08.03.2026
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە دائىرىلىرى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قاتناشقان سەككىز خىتاي پۇقراسىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن» دېگەن سەۋەپ بىلەن شەنگەن رايونىدىن قوغلاپ چىقارغان.
بۇ سەككىز خىتاي پۇقراسىدىن ئۈچ كىشى دەرھال قوغلاپ چىقىرىلغان، تۆت كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېگرادىن چىقىپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر خىتاي سىياسىي پاناھلىق تىلىگەندە قولغا ئېلىنغان.
ئىتالىيە تەرەپنىڭ بۇ قارارى، خىتاينىڭ لى فامىلىلىك داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىگە قارىتىلغان نازارەت قىلىش، بوزەك قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن چىقىرىلغان. ئىتالىيەنىڭ بۇ قوغلاپ چىقىرىش قارارى، خىتاينىڭ ئىتالىيە زېمىنىدا ئېلىپ بارغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق قاتتىق ھەرىكەت قوللانغانلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.
قوغدىغۇچى گېزىتى ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ لى فامىلىلىككە قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ بىر قىسىم خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ باستۇرۇشلار لى فامىلىلىكنى خىتاي تەرەپنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىتالىيە ئىچىدە نازارەت قىلىش، قورقۇتۇش، بېسىم ئىشلىتىش، ئۇنى پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش، توردا قارا چاپلاش، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتىن- يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىغا تەھدىت سېلىش، خىتايدىكى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ سوراق قىلىش قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.