ئۇيغۇر پوچتىسى، 30-مارت

ئىھسان ئۇمۇن

ئىتالىيەنىڭ پوردېنون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پوردېنون خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى»دا (PordenoneDocsFest)، لاگېر شاھىتى ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىمغا «جاسارەت ئوبرازى» (Images of Courage) مۇكاپاتى بېرىلدى. 25-مارت باشلانغان مەزكۇر فېستىۋالنىڭ تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا، قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا كۆرسەتكەن قورقماس روھى يۇقىرى باھالاندى.

پوردېنون ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى (PordenoneDocsFest) ئىتالىيەنىڭ پوردېنون شەھىرىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان، دۇنيانىڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى مەزمۇن قىلغان ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلىدىغان نوپۇزلۇق پائالىيەتتۇر. مەزكۇر فېستىۋال يالغۇز فىلىم كۆرسىتىش بىلەنلا قالماي، يەنە «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتى ئارقىلىق دۇنيادىكى زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەرنى پاش قىلىشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخسلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلماقتا.

مۇراسىم جەريانىدا سۆزگە چىققان فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى، قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. قەلبىنۇر خانىم مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، بۇ مۇكاپاتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرمۇ لاگېرلاردا زۇلۇم چىكىۋاتقان ۋە ئاۋازى بوغۇلغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق قىسمىتىنىڭ خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر فېستىۋالدا قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ماشىننىڭ كۆزى» (The Machine’s Eye) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاللىنىپ قويۇلغان. قەلبىنۇر خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە فىلىمنىڭ روياپقا چىقىشىغا زور كۈچ چىقارغان دايا كاھېن (Daya Cahen) نىڭ ئورتاق نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. قەلبىنۇر خانىم خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى كۈچلۈك بولغان ئىتالىيەدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە ئاڭلىتىلىشىنىڭ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جاسارەت — قىيىنچىلىقتىن، ھەر خىل تەھتىد ۋە بېسىملاردىن قورقماسلىق، توغرا يولدىن قايتماسلىق دېمەكتۇر. مەن بۇ شەرەپلىك مۇكاپاتنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئاۋازىنى چىقىرىشقا چارىسىز قالغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا بېغىشلايمەن.» ئۇ يەنە، بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلار بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى تونۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر سىدىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرىدا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا مەجبۇرلانغان مۇھىم شاھىتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزى شاھىت بولغان لاگېر ئىچىدىكى سىستېمىلىق قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاشلارنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدا ۋە خەلقئارالىق سوتلاردا دادىللىق بىلەن ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشىدا مۇھىم ئاساس بولۇپ كەلمەكتە.