ئۇيغۇر پوچتىسى 1-ئاپرېل
خىتاي «خەلق تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇمۇلنىڭ بارىكۆلدە، بارىكۆل ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان.مۇتەخەسسلەرنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ختاينىڭ شەرقى تۈركستاندا، يۈزلىگەن مائارىپ ئورۇنلىرىنى تەسس قىلىش ئارقىلىق ختايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىشنىڭ يەنە بىر مسالى ئىكەن.
خەلق تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېنەن سىفەن داشۆسى (خېنەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى) 100 يىللىق تارىخقا ئىگە، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، خېنەن ئۆلكىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە قۇرغان، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»نى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپتۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» پىلانى بويىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىكى مۇھىم تۈرلەرگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتاقتا «ياردەم بېرىش» دەپ ئاتالغان بۇ سىياسەت ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ نوپۇس يۆتكەش، يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇش قاتارلىق مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلماقتىكەن.يەنە بەزى مۇتەخەسسلەر بۇنى خىتاينىڭ ختايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىشنىڭ يەنە بىر مسالى دەپ قارايدىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم بىر ھالقا سۈپىتىدە قارالماقتا.