تەھرىرلىك يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت دائىرىسى

باش مۇھەررىر (Editor-in-Chief)

باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى:

  • ئىستراتېگىيە ۋە يۆنىلىش: نەشرىياتنىڭ مەزمۇن، خەۋەر ۋە پروگرامما ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش ۋە بېكىتىش.
  • سۈپەت ۋە نازارەت: مەزمۇننىڭ سۈپەت ۋە ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش.
  • خادىم ۋە قارار: خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم باشقۇرۇش قارارلىرىنى چىقىرىش.
دائىرە خىزمەت تۈرلىرى
ئىستراتېگىيىلىك يۆنىلىش – نەشرىياتنىڭ ئومۇمىي خەۋەر يۆنىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى بېكىتىش.
ئەخلاق ۋە قانۇنىيەت – بارلىق مەزمۇنلارنىڭ قانۇنلۇق، ئوبيېكتىپ ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمگە تولۇق ماس كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
ئالىي باشقۇرۇش – بۆلۈم باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچى مۇھەررىرلەرنى تەكلىپ قىلىش، باھالاش ۋە رەھبەرلىك قىلىش.

باشقۇرغۇچى مۇھەررىر (Managing Editor)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنى نازارەت قىلىش، ئىچكى ئېقىم ۋە خادىم باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

دائىرە خىزمەت تۈرلىرى
كۈندىلىك مەشغۇلاتنى باشقۇرۇش – بارلىق تەھرىرلىك ۋە نەشر قىلىش جەريانىنىڭ راۋان، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى نازارەت قىلىش.
ئېقىم ۋە تېخنىكا ماسلىشىش – خەۋەر ئېقىمى (News workflow)نى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
بۇژەت ۋە خادىم تەقسىملەش – بۆلۈمنىڭ خىراجەت بۇژىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇخبىر-تەھرىر خادىملارنى تەقسىملەش.

بۆلۈم مۇھەررىرى (Section Editor / Desk Editor)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: مەلۇم بىر تېما ياكى قىسىمنىڭ (مەسىلەن، سىياسەت، ئىقتىساد، تېخنىكا) مەزمۇنىنى پىلانلاش، تەھرىرلەش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش.

دائىرە خىزمەت تۈرلىرى
مەزمۇننى پىلانلاش ۋە بېكىتىش – ئۆزىگە تەۋە بۆلۈمنىڭ كۈندىلىك، ھەپتىلىك خەۋەر تېمىسىنى مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتىش.
تەپسىلىي تەھرىرلەش ۋە تۈزىتىش – ماقالىلەرنى توغرىلاش، تەكشۈرۈش، نام قويۇش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق نەشرگە تەييارلاش.
مۇخبىرلارغا يېتەكچىلىك قىلىش – بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلارغا تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتىن بىۋاسىتە مەسلىھەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىش.

خەۋەرلەر بۆلۈمى خىزمەت دائىرىسى

مۇھەررىر (Editor)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: مەزمۇننىڭ سۈپىتى، ئۆلچىمى ۋە نەشر قىلىنىش جەريانىغا رەھبەرلىك قىلىش.

دائىرە خىزمەت تۈرلىرى
مەزمۇن سۈپىتىنى باشقۇرۇش – يېزىلغان ماقالە ۋە خەۋەرلەرنى تەھرىرلەش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە تىل جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش.
ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلىش – خەۋەرنىڭ ھەققانىيەت، كەسپىيلىك ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
نەشر پىلانى ۋە ماسلاشتۇرۇش – خەۋەرلەرنى نەشر قىلىش ۋاقتى ۋە تەرتىپىنى بېكىتىش. مۇخبىرلار ۋە لايىھەلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش.
تېما بېكىتىش ۋە يېتەكلەش – مۇخبىرلارغا خەۋەر تېمىسىنى تەكلىپ قىلىش ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىنى بەلگىلەش.

مۇخبىر (Reporter/Correspondent)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: ئۇچۇر توپلاش، تەتقىق قىلىش ۋە كەسپىي خەۋەر مەزمۇنىنى يېزىش.

دائىرە خىزمەت تۈرلىرى
خەۋەر توپلاش ۋە تەكشۈرۈش – مۇھىم تېمىلارغا دائىر ئۇچۇر، مەنبە ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىش. مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش.
خەۋەر يېزىش ۋە تۈزۈش – توپلانغان مەلۇمات ئاساسىدا ئۆلچەملىك، ئېنىق ۋە جەلپكار خەۋەر ماقالىلىرىنى يېزىش.
زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەييارلاش – خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىم، سىن ياكى ئاۋاز قاتارلىق مېدىيا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش ياكى تەمىنلەش.
زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش – زىيارەت ئېلىش، خاتىرىلەش ۋە مەزمۇن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنىئۈنۈملۈك ئىشلىتىش.