ئۇيغۇر پوچتىسى تور بېخەتەرلىك بىلدۈرگۈسى
سالام ھۈرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر!
بەش كۈندىن بىرى، ئۇيغۇر پوچتىسى تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
«ئۇيغۇر پوچتىسى» تور بېكىتى نۆۋەتتە تور ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان زور كۆلەملىك ئاپتوماتىك زىيارەت ئېقىمى سەۋەبىدىن توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدىلا بۇ خىل ئاپتوماتىك زىيارەت ۋە ھۇجۇم مىقدارى 4 مىلىيوندىن ئاشىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز زىيارەت دولقۇنى تور بېكىتىنىڭ ئېچىلىشى ئاستىلاش، ئۇلىنىش ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە ۋاقىتلىق مۇلازىمەتتىن توختاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
گۇرۇپپىمىز نۆۋەتتە بۇ خىل ھۇجۇمنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە تور بېكىتىنىڭ نورمال زىيارەت قىلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىڭلارغا ۋە بىزنى ئىزچىل قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
— ئۇيغۇر پوچتىسى