ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-مارت

رەسىم مەنبەسى: بەيدۇ جياخاۋ (Baidu Jiahao)
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2026-يىلى 26-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە سېنلىڭ (岑岭) ناھىيەسى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان سېنلىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى «شىنخۇا» بازىرىغا جايلاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ ئىلگىرىكى نامى كۇدى يېزىسى بولۇپ، بۇ يىزا 2025-يىلى «يېزىدىن بازارغا ئۆزگەرتىش» جەريانىدا خىتايچە «شىنخۇا» نامىنى ئالغان، ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا يېڭى ناھىيەنىڭ مەمۇرىي مەركىزىگە ئايلانغان.
رەسمىي مەنبەلەردە، سېنلىڭ ناھىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش دەپ ئىزاھلانغان. پېڭپەي خەۋەرلىرى (澎湃新闻) قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ رايوننى ئايرىم ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىش ئارقىلىق مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ئاھالىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇش ۋە G219 دۆلەت يولى (新藏公路 شىنجاڭ-تىبەت تاشيولى) لىنىيەسىنى «ئەمەلىي باشقۇرۇش» نىشانلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىڭتۈەن تورىدىكى ئۇچۇرلاردا بۇ ئۆزگىرىشنىڭ «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا يېڭى خىتايچە نامدا ناھىيە تەسىس قىلىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە خېئەن(和安县) ۋە خېكاڭ(和康县) ناھىيەلىرى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا قۇرۇلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تارىخىي ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنىڭ ئورنىغا خىتايچە ناملارنى بېرىش ۋە يېڭى مەمۇرىي بىرلىكلەرنى تەسىس قىلىش — رايوننىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ھەربىي-مەمۇرىي كونتروللۇقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قەدىمىدۇر. نۆۋەتتە سېنلىڭ ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى رەسمىي ئىش باشلىغان بولۇپ، رايوننىڭ مەمۇرىي خەرىتىسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان.