ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-مارت
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا چوڭ بولغان، توردا تارقالغان ئۇسسۇللىرى بىلەن داڭلىق ئىراقلىق مۇخبىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن تويغا پۈتۈشكەن.
ئامىن مۇنىر مۇھەممەد ئەل-ئۇبەيدى (Ameen Muneer Mohammed Al-Obaidi) خىتايچە ئىسمى فاڭ خاۋمىڭ (Fang Haoming) بىلەن تېخىمۇ تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5 مىليونغا يېقىن ئەگەشكۈچىسى بار. ئۇ دۇبەيگە جايلاشقان خىتاي-ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلىق مۇخبىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
مارتنىڭ بېشىدا، فاڭ تويغا پۈتۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ سانشا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى بىر مۇخبىر دوستىغا: «بىز پۈتۈشتۇق، مەن ئەمدى خىتايلىق ئائىلىنىڭ كۈيئوغلى. مېنىڭ ئايالىم شىنجاڭلىق قىز» دېگەن. فاڭ بىلەن ئايالى خىتايدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا بىللە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرگە بولغىنىغا بەش يىل بولغان.
مەزكۇر جۈپلىششنىڭ قانداق سياسى ئارقا كۆرۇنۇشى بارلىقى داۋاملىق دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
خىتايپەرەس ئەرەب مۇخبىر
فاڭ «گۈزەل خىتاي»، «گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسدا ئشلىگەن ۋىدىئولاردا ختاي تەشۋىقاتلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىگەن. «مەن خىتايلارغا ھەۋەس قىلىمەن» دېگەن سۆز ئۇنىڭ سىنلىرىدىكى داڭلىق سۆزگە ئايلانغان. فاڭ: «ئۆمۈر بويۇمدا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىلغانلىقىغا شاھىت بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ. فېۋرالدا ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى 15 يىللىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مەن قايتا تۇغۇلغان جاي» ناملىق خىتايچە كىتابىنى نەشر قىلدۇردى.
ئۇرۇشتىن قېچىپ خىتايغا كۆچۈپ كېلىش
فاڭ 2000-يىلى ئىراقتا تۇغۇلغان. ئامېرىكا 2003-يىلى ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندىن بىر قانچە ئاي كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى سۈرىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. 2009-يىلى، ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى سۈرىيەدە بىر خىتايلىق ئوقۇغۇچى بىلەن كۆرىشىپ، كېيىنكى يىلى توي قىلغان. 2011-يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، فاڭنىڭ يېزنىسى ئائىلىسىنى ئۆزىنىڭ يۇرتى خىتايغا كۆچۈپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان.
فاڭنىڭ دادىسى دەرھال بارلىق مال-مۈلكىنى سېتىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى يېزنىسىنىڭ يۇرتى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۈەن شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن. QQ.com خەۋەر پورتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فاڭ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ: «11 ياشقىچە مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم بولمىدى. ئۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم تاتلىق-تۈرۈم ياكى ئويۇنچۇق ئەمەس، بەلكى بومباردىمان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتمەي، ئارامخۇدا ئۇخلاش ئىدى. تىنچلىق مەن ئۈچۈن بىر ھەشەمەت ئىدى» دېگەن.
خىتايدا چولپانغا ئايلىنىش
گېزىتتە دېيىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلىرى ئىچىدە چوڭ بولغان، رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەشنا بولغان بۇ ئاتالمىش «ژۇرنالىست»نىڭ داڭلىق سۆزى «مەن خىتايلارغا ھەۋەس قىلىمەن» دېيشتىن ئىبارەت.
26 ياشلىق فاڭ 2024-يىلى فېۋرالدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان باھار بايرىمى كېچىلىكىدە باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاممىباب «كېمۇسەن» (Subject Three) ئۇسسۇلىنى ئوينىغان. ئۇسسۇل سىنلىرى توردا تارقالغاندىن كېيىن، فاڭ ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋاڭ يى بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇنىڭغا: «سەن ھېلىقى ‘كېمۇسەن’ ئوينىغان يىگىتمۇ؟ سېنىڭ سىنلىرىڭنى كۆردۈم، يەنە داۋاملىق ئۇسسۇل ئوينامسەن؟» دەپ سورىغان.
بۇ فاڭنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم دىققەت قوزغىشى ئەمەس. 2019-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان. فاڭ راۋان خىتاي تىلىدا تاراتقۇلارغا: «مەن ئۇرۇش خاراب قىلغان دۆلەتتىن كەلدىم. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىققا قايتىشىنى بەك ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن.