خىتاي ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كېيجى فۇرۇياغا جازا ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 30-مارت كۈنى 20-نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھەم «ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى كېيجى فۇرۇيا (Keiji Furuya)غا قارشى رەسمىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

جازانىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى: خىتاي تەرەپ فۇرۇيانىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەيۋەندە قايتا-قايتا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، تەيۋەن رەئىسى لای چىڭتې بىلەن كۆرۈشۈپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلغان. شۇنداقلا، باش مىنىستىر سانا ئې تاكا ئېچىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سۆزلىرىنى قوللىغانلىقىمۇ بۇ سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

جىددىي يولغا قويۇلغان جازا تەدبىرلىرى:

  1. مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش: فۇرۇيانىڭ خىتاي تەۋەلىكىدىكى بارلىق كۆچمە ۋە كۆچمەس مۈلكى توڭلىتىلىدۇ.
  2. سودا ۋە ھەمكارلىق چەكلىمىسى: خىتايدىكى ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ فۇرۇيا بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە سودا ياكى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
  3. كىرىش چەكلىمىسى: كېيجى فۇرۇيانىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋغا كىرىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلمەيدۇ.

كېيجى فۇرۇيا ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك جەمئىيەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن تەجرىبىلىك سىياسەتچى بولۇپ، ئۇنىڭغا قويۇلغان بۇ جازا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.