ئۇيغۇر پوچتىسى

تەييارلىغۇچى: تايور، مۇھەرىرى: گۈلقىز

12-مارت

ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن ماقۇللىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى قاتتىق ئەيىبلىدى. پائالىيەتچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا قارىتىلغان سىستېمىلىق سىياسەتلەرنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر قانۇن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈزۈلمە رامكىسى» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنماقتا. ئەمما سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە تەنقىدچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلاردا ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان نەچچە ئون يىللىق باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىددىي ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭى قانۇن 2016- يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بولغان ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نىڭ داۋامىدۇر. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى، بولۇپمۇ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشانلايدۇ. ئۆتكەن ئون يىلدا يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەم دىنىي كىملىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن «مىللىي كۆپ خىللىق» تەسۋىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي كىملىكنى تەلتۆكۈس يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرايىيە مۇدىرى روشەن ئابباس ھۆكۈمەتنىڭ «مىللىي ئىناقلىق» ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلتاي يىغىنلىرى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بىلەن كۆرسىتىپ، بۇنى «ئىناق، كۆپ خىللاشقان بىر دۆلەت»نىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە پەردازلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما دەل شۇ ھۆكۈمەت 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەندە، سىز بۇنى ھەرگىزمۇ ئىناقلىق دەپ ئاتىيالمايسىز. روزا تۇتۇشنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئاتا-ئانىلارنى ئۆز بالىلىرىنى ھەممە نەرسىدىن بەكرەك كوممۇنىستىك پارتىيەنى سۆيۈشكە مەجبۇرلاشقا قىستىغاندا، سىز بۇنى ئىناقلىق دەپ ئاتىيالمايسىز. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى پەقەت ئۆز كىملىكىنى ساقلىغىنى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا قامىغاندا،  سىز بۇنى ئەسلا ئىناقلىق دەپ ئاتىيالمايسىز!»

«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرايىيە مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ يېڭى قانۇننىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش، كىملىكىنى ئۆچۈرۈش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش جەريانى ھازىر سىستېمىلىق مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا يەتتى. بۇ جەريان لاگېرلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇغماس قىلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.»

قانۇنشۇناسلار يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئورگانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانۇنىي رامكا بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا قانۇن تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر، ئ‍نسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى رەيھان ئەسەت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى دائىم يوشۇرۇن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. لاگېرلاردا ھەر كۈنى داۋاملىشىۋاتقان قىيناشلار دەل مۇشۇ يوشۇرۇش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىشنىڭ مەھسۇلاتى. خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ جازالانماسلىققا بولغان ئىشەنچىسىگە تايىنىپ، ئۆزىگە خاس ‹مۇستەبىت قانۇنچىلىق› ئۇسلۇبى بىلەن يېڭى قانۇنلارنى ماقۇللىماقتا. مەن بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى سىستېمىلىق شەكىلگە كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى ئىزچىل مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتىمەن.»

خىتاينىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى سىياسەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇن بېيجىڭنىڭ ئۆز سىياسىي تەسىرىنى چېگرا سىرتىغا كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن. ئ‍نسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) خىتاي تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ‹ئىدىيەۋى بىرلىك›نى پەقەت ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەجبۇرىي تەلەپ قىلماقتا. مانا بۇ خىتاينىڭ ‹چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش› سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.»

ئۇيغۇر ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى مەزكۇر قانۇننىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تېڭىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامى ئاستىدا مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شەرقى تۈركستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى دوكتور مەمەتئىمىن ئەلا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي قاچانلا ‹ئىتتىپاقلىق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە، كىشىلەر بۇنىڭدىن تېخىمۇ زور ھوقۇق مەركەزلىشىشنى، مەجبۇرىي بىرلىككە كېلىشنى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان باستۇرۇشنى كۈتۈشى كېرەك. ئىدىيەۋى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۆز نىقابلانغان ۋەھىمىلىك رېئاللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇ كۆپ خىللىق ۋە پەرقلەرنىڭ يوقىتىلىشىنى، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مۇتلەق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ‹بىرلىك› سىستېمىسىنىڭ بىر نەچچە خەتەرلىك تەرىپى بار: مەسىلەن، ئىدىيە بىرلىكى – تەپەككۇرنىڭ كونترول قىلىنىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- خىتاي بولمىغانلارنىڭ تەدرىجىي خىتايلاشتۇرۇلۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ؛ دىنلار بىرلىكى – ئېتىقادنىڭ كوممۇنىستىك ئاتېىزىم ئىچىدە يوقىتىلىشىنى نىشان قىلىدۇ؛ شۇنداقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك بىرلىكى – خىتاي ئۇلۇغۋارلىقىغا تايانغان ئاسسىمىلياتسىيە سىستېمىسى بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشىمىغانلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ؛ ھەتتا، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى› دېگەن ئۇقۇممۇ رەسمىي ھالدا بېيجىڭنىڭ زومىگەرلىك مەقسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.»