ئۇيغۇر پوچتىسى
ھەبىبۇللا ئىزچى, 18.03.2026
25-فېۋرال كۈنى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا گۇمانلىق بىر خىتاي ئەرنىڭ يىغىن مەيدانىدا توختىماستىن ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە تارتىشى يىغىن تەشكىللىگۈچىلەر ۋە ياپونىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ياپونىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ ئەرنىڭ توكيودىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇ كۈنى ياپونىيە ئاۋام پالاتا بىناسىغا يېرىم كۈنلۈك ساياھەت نىقابى ئاستىدا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 6000 ياپونىيە يېنى بەدىلىگە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ۋە پائالىيەت جەريانىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىلگىرىمۇ ئوخشاش پائالىيەتلەردە بۇ خىل جاسۇسلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم بولغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە؛ بۇنىڭ يالغۇز بۇ قېتىم پاش بولغان بىر ۋەقە ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ، ياپونىيەدە ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇۋاتقان، بۇنىڭدەك ئوقۇغۇچى سىياقىدىكى جاسۇسلارنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتايلىقپائالىيەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرىنى سىستېمىلىق نازارەت قىلىدىغانلىقى،نامايىش ۋە پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنى سۈرەتكە تارتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى شۇنداقلابۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ پاش بولۇش ۋەقەسى ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان كۈچلۈك قانۇن رامكىسىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەندىشە قوزغىغان بولۇپ؛ ياپونىيەدىكى ھەر قايسى مۇھاجىرەت جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ نازارەت قىلىشى، ھەتتا تەپتارتماستىن پارلامېنت ئىچىدىمۇ جاسۇسلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى،خىتاينىڭ« چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» ھەركىتىنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئىچىگىمۇ سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ۋە ياپونىيەدىكى بىخەتەرلىك ۋە قانۇنىي بوشلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان.