2-ئاينىڭ 22-كۈنى يەكشەنبە، ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «مېھرىبان ئانا» مەكتىۋى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە جامائەت ۋەكىللىرى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى.
21-فېۋرال — دۇنيا ئانا تىل كۈنى. ھەر يىلى بۇ كۈندە ھەرقايسى ئانا تىل مەكتەپلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، سەرخىللار مائارىپى ۋە تاڭ نۇرى ئانا تىل مەكتىپى ئوخشىمىغان شەكىللەردە، مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى تەبرىكلىدى.
«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئانا تىلدا راۋان سۆزلەش، ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆز ئىدىيەلىرىنى جەمئىيەتكە سۇنۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەت «سەھنە سىزنىڭ!» دەپ ناملانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ماھىرلارنى تىزىملىتىش باشلانغان.
ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دۇنيا تۈركىي تىل ئائىلىسى كۈنى» تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىر ئابىدە دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.
26- نويابىر كۈنى ئىستانبول سۇلتانغازى رايۇنلۇق مائارىپ باشقارمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات، كۈلتۈر پائالىيتى «بوز قىرلارنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىسى چېڭگىز ئايتماتوۋنى خاتىرلەش يىغىنى» سۇلتانغازى رايۇنىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ ساندا يازغۇچى - شائىرلار، ئەدەبىياتچىلار، ژورنالېسىتلار ۋە بىرقىسىم رەھبەرلەر قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندىمۇ تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
«بىز بۇ قېتىم ماكادوكىيەدا ئۈچ كۈنلۈك يىغىنغا قاتناشتۇق. يەھيا كەمال باياتلىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن شېئىرىيەت فېستىۋالىدا بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شېئىريىتى ھەققىدە دوكلات بەردۇق ھەمدە شېئىر ئۇقۇدۇق.