ئۇيغۇر پوچتىسى

1-ئاپرىل

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (UZDM) دىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 27-مارت  گوللاندىيەدىكى  زىيارىتىنى تاماملىدى.

زىيارەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قوللىغۇچىسى، شەھەرلىك كېڭەش ئەزاسى سۇلايمان قويۇنجۇ (Süleyman Koyuncu) بىلەن كۆرۈشتى.

سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسلىرى ئاستىدا، مەزكۇر رايوندا خىتاينىڭ نازارەت كامېرالىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنغان. شۇنداقلا، ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش سىياسەتلىرىنى ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قاتناش ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىلمەكتە ئىكەن.

ئۇ يەنە «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىملىكىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى  ئەكستە سۇلايمان قويۇنجۇ ئەپەندىگە رەھمەت ئىيتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسنى ئىپادىلىگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى ھەرىكەتلىرىنى ياۋروپادا تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.