ئۇيغۇر پوچتىسى

15-مارت

تېھران بۇ دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەتتا ھەربىي جەھەتلەردە «ياخشى ھەمكارلىق» ئورناتتى. ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئابباس ئاراغچى «MS NOW» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، روسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىرانغا ھەر خىل يوللار بىلەن، جۈملىدىن «ھەربىي ھەمكارلىق» ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار منستىرى ئاراغچى شەنبە كۈنىدىكى زىيارىتىدە، رۇسىيە ۋە خىتاينى ئىراننىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرى دەپ ئ‍اتىدى.

ئاراغچى: «بىز ئۆتمۈشتە يېقىن ھەمكارلىقتا بولدۇق، بۇ ھەمكارلىق ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي ھەمكارلىقمۇ بار» دېدى. ئۇ يەنە ئىراننىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەتتا ھەربىي جەھەتلەردە ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۈمە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇخبىرلارغا روسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىرانغا «بەزى» ياردەملەرنى  بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگەن. ترامپ موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى  ئامېرىكىنىڭ كىيېۋغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنى تىلغا ئېلىپ: «مېنىڭچە شۇنداق، ئۇ بەلكىم بىزنى ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئىرانغا ياردەم قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دېدى.

ئامېرىكىغا بولغان دۈشمەنلىك سەۋەبىدىن، ئىران بىلەن رۇسىيە يېقىنقى ئون يىلدا ھەمكارلىقىنى   كۈچەيتكەن. ئىران رۇسىيەنى «شاھىد» (Shahed) تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، موسكۋا بۇلارنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلەتمەكتە. ئىران رۇسىيەدە بۇ ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرغان. بۇ ئىككى دۆلەت يەنە سۈرىيەدىكى ھازىر يىمىرىلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىمۇ قوللىغان ئىدى.

2021-يىلى، ئىران بېيجىڭ بىلەن 25 يىللىق، 400 مىليارد دوللار سوممىسدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئاساسلىقى ئىراننىڭ مول نېفىت زاپىسىنى خىتايغا سېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئاراغچى شەنبە كۈنىدىكى زىيارىتىدە يەنە ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئىران ۋە ئومان قىرغاقلىرىغا تۇتىشىدىغان بۇ بوغۇز دۇنيا نېفىت ۋە گاز توشۇش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. 

بوغۇزدىكى جىددىيچىلىك نېفىت باھاسىنى بىر تۇڭى 100 دوللاردىن ئاشۇرۇۋەتتى . مۇتەخەسسلەر بۇنى  يەر شارى ئىقتىسادىغا تەھدىت سالماقتا دەپ قارايدۇ.

ئاراغچى «ھورمۇز بوغۇزى -بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزگە، ۈبىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەۋە پاراخوتلارغا تاقالدى.» دىدى. 

 ئىران يەنە يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلىرى بولغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە راكېتا ئاتقان ئىدى.

بىراق ئۇ سۆزىنى تولۇقلاپ: «بوغۇز پۈتۈنلەي تاقالغىنى يوق. ئۇ پەقەت ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پاراخوتلىرىغىلا تاقالدى، باشقىلارغا ئەمەس» دېدى.

مەنبەسى: سياسەتچى تورى