ئۇيغۇر پوچتىسى، 26-مارت

تايىر ئىمىن

26-مارت كۈنى كانادا پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كانادا قانۇن چىقارغۇچىلىرى بىرلىكتە كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەھبۇس ھۈسەيىن جېلىلنى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ھۈسەيىن جېلىل كانادا پۇقراسى بولۇپ، 2006-يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ھازىر ئۇنىڭ تۈرمىدە ياتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى.

ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى سۆز قىلىپ، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىينى دەرھال ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە، خىتايدىن ھۈسەيىن جېلىلغا ئادۋوكات كۆرۈشۈش ھوقۇقى تەلەپ قىلىشقا ۋە ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە چاقىرىق قىلدى.

ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئالېكس نېۋ (Alex Neve) مۇنداق دېدى: «ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاماقتا ياتقىنىغا 20 يىل بولغانلىقىنى ئەسلەش كىشىنى ئىنتايىن شۈركەندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق ئىش. بىز ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىدۇق، خىتاي ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ھەر قانداق ئالاقىدە ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.ختاي بىلەن ئالاقىدار ھەر بىر يېغىن، ھەر بىر سۆھبەت بىر تېما بىلەن باشلىنىپ، بىر تېما بىلەن ئاياقلىششى كىرەك، ئۇ بولسمۇ ھۈسەيىن جىلىلنى قويۇپ بەر!» ئۇ يەنە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى، «ئون مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش» قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى سەمىرە زۇبەير سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھېكايىسى بىر تراگېدىيە. ئۇ كانادا پۇقراسى، ئۇنىڭ كانادادا ئائىلىسى بار. ئۇ ھازىر 19 ياشقا كىرگەن ئوغلى بىلەن تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىدى، چۈنكى ئۇ 20 يىلدىن بېرى تۈرمىدە. بىز بۈگۈن ئۇنىڭ ئىنسانىي نۇقتىدىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. 20 يىل يېتەرلىك ۋاقىت، ئۇ ئەمدى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى كېرەك. كانادا بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنىڭ جەم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.»