"ئۇيغۇر پوچتىسى"نىڭ قۇرۇلغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن تەبرىكلىرىمنى يوللايمەن. مېنىڭچە، بۇ بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئابىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانىدىن ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇستەقىل ئاخباراتچىلىق ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم بىر باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ياراتقۇچى ۋە تارقاتقۇچىلىرى بولغان زىيالىيلار قوشۇنى بولسا تامامەن پاسسىپلاشتۇرۇلغان بولغاچ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى سەركىسىدىن ئايرىلغان پادىغا ياكى قۇتۇپ يۇلتۇزىدىن ئايرىلغان كېمىگە ئوخشاپ قالدى.
ئۇيغۇر پوچتىسى، 20-نويابىر