ئۇيغۇر پوچتىسى

2026-يىلى 30-مارت

خەلقئارا ئ‍نسان ھەقلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتى (ISHR) پۇقرالار جەمئىيەتلىرى ۋە ئ‍نسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئالاھىدە تەرتىپلىرى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېڭىلانغان قوراللارنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قوللانمىلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تىللاردا ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

يېڭىلانغان «ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلىرى بويىچە ئەمەلىي قوللانما» پائالىيەتچىلەرنىڭ ب د ت ئ‍نسان ھەقلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل ئ‍نسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن قانداق ئ‍ش ئىلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىدۇ.

تۇنجى قېتىم 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان بۇ قوللانما ئەمدىلىكتە قايتا تۈزىتىلگەن بولۇپ، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە (ئاددىي ۋە مۇرەككەپ) تىللىرىدا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا قوشۇمچە سۈپىتىدە، ISHR يەنە ئايرىم دېلولار، زىيانلىق سىياسەتلەر ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە قانداق ئۇچۇر يوللاش توغرىسىدا يېڭى بىر چۈشەندۈرۈش قورالىنى ئېلان قىلدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئىككى خىل مەنبە ئەمدى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىللىرىدا تەمىنلەنگەن.

ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھالقىلىق قورال

ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قوراللارنىڭ ئۆز تىلىدا بولۇشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ب د ت ئالاھىدە تەرتىپ مېخانىزمى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغان چەكلىك خەلقئارالىق يوللارنىڭ بىرىدۇر.

نۇرغۇن خەلقئارالىق قانۇنىي جەريانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئالاھىدە تەرتىپلەر دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم بىر شەرتنامىنى تەستىقلىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى قانۇنىي يوللارنى تۈگىتىشىنى شەرت قىلمايدۇ. بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىغان ياكى سىستېما بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋاللاردا، بۇ مېخانىزمنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.

ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بۇ مېخانىزمدىن تۆۋەندىكى مەقسەتلەردە پايدىلىنالايدۇ:

  • ئايرىم دېلولار بويىچە جىددىي چاقىرىق سۇنۇش؛
  • سىستېمىلىق خورلاش ۋە كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى مەلۇم قىلىش؛
  • جامائەت پىكرىنى ئويغىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنى جەلب قىلىش؛
  • ب د ت نىڭ دوكلات بېرىش قاناللىرى ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش.

تىل توسالغۇسىنى يوقىتىش

ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنىڭ قوشۇلۇشى خەلقئارا ئ‍نسان ھەقلىرى سىستېمىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جەمئىيەتلەرگە تېخىمۇ ئاسان قول يەتكۈزگىلى بولىدىغان قىلىشتىكى چوڭ بىر قەدەمدۇر.

«ئۇيغۇرلار ب د ت ھەرىكىتىدە» (Uyghurs at UN Action Initiative) تەشەببۇسىدىن رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد بۇ تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلالايدىغان ئاز ساندىكى يوللارنىڭ بىرىدۇر. ئەمەلىي قوللانما بۇ مۇرەككەپ خەلقئارالىق مېخانىزملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېنىقلىق ۋە قولايچىلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ مەنبەلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا تەمىنلىنىشى تىل توسالغۇسىنى يوقىتىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ ب د ت ئالاھىدە تەرتىپلىرىنى ئۆز تىلىدا ۋە ئۆز قەدىمى بويىچە ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە سۆزىگە قوشۇپ، بۇ قوراللارنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى خەلقئارالىق مېخانىزملارنى زىيانكەشلىككە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، يەر شارى ئ‍نسان ھەقلىرى سىستېمىسى بىلەن يەردىكى ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر قوللانمىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ؛