ئۇيغۇر پوچتىسى
1-ئاپرىل
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى (31-مارت) ئېلان قىلغان باياناتىدا، كالىفورنىيە جەنۇبىي رايونلۇق فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سوتچىسى دۈشەنبە كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كېيىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ئىككى كىشىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سوتچى لى چېن (Li Chen) ۋە يۈ جۇ (Yu Zhou) ئىسىملىك ئەر-خوتۇنلارنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر-خوتۇن پۇقرالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىشتىن ئىلگىرى، سودا سىرىنى ئوغرىلاشقا تىل بىرىكتۈرۈش ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلىشقا تىل بىرىكتۈرۈش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى جىنايەتنىڭ «ئەخلاقىي چىرىكلىك» تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ پۇقرالىققا ئۆتۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت» شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتكەن. سوت مەھكىمىسى يەنە، ئۇلارنىڭ ئەخلاققا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ۋە جازانى يېنىكلىتىدىغان ھېچقانداق ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پۇقرالىققا ئۆتۈش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى قارار قىلغان.
ئەدلىيە مىنىستىرى پام بوندى (Pam Bondi) باياناتىدا مۇنداق دىدى:
«ئامېرىكا خەلقىگە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىگەنلىك، كۆچمەنلەر سىستېمىمىزنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سۇيىئېستېمال قىلغانلىقتۇر،يېقىندا يۈز بەرگەن بۇ پۇقرالىقتىن چىقىرىۋېتىش دېلولىرى، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان بىر ئىمتىياز ئىكەنلىكىنى، سۇيىئېستېمال قىلىنىدىغان ھوقۇق ئەمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، لى چېن ۋە يۈ جۇ ئامېرىكىغا كىرگەن چاغدا خىتاي پۇقراسى ئىدى. لى چېن 2007-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك بالىلار دوختۇرخانىسى (NCH) كاپالەتچى بولغان H-1B كەسپىي خىزمەت ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكىغا كىرگەن، كېيىن «پەۋقۇلئاددە ئىختىساسلىق خادىم» سالاھىيىتى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. يۈ جۇمۇ 2008-يىلى NCH كاپالەتچىلىكىدىكى H-1B ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن؛ 2011-يىلى لى چېننىڭ ھەمراھى سۈپىتىدە كۆچمەنلىك سالاھىيىتىنى تەڭشەپ دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان. لى چېن 2016-يىلى، يۈ جۇ بولسا 2017-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن.
2019-يىلى، بۇ ئەر-خوتۇن NCH تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ، «ئېكسوسوم ئايرىش» (exosome isolation) تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىلدە، تېببىي سودا سىرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.
ئەيىبنامىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر-خوتۇن ئۆزلىرى شىركەت قۇرۇش ۋە باشقا بىر شىركەتنىڭ پايچىكى بولۇش ئارقىلىق، NCH نىڭ سودا سىرلىرىنى ئوغرىلاش ۋە سېتىشتىن شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى كىشى ئېكسوسوم ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، جەمئىي 1.5 مىليون دوللارغا يېقىن پايدىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەر-خوتۇن ئارقا-ئارقىدىن جىنايىتىنى تونۇغان ۋە 2021-يىلى جازاغا تارتىلغان. لى چېن 30 ئايلىق قاماق جازاسى ۋە 3 يىللىق نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىش جازاسىغا، يۈ جۇ 33 ئايلىق قاماق جازاسى ۋە 3 يىللىق نازارەت ئاستىدا قويۇپ بېرىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە 2.6 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلىشى بۇيرۇلغان.