ئۇيغۇر پوچتىسى، 6-مارت
ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس پانامادا مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلغان.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا مۇنداق يازغان:
«بۇ ھەپتە پانامادا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا (شىنجاڭدا) سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىۋاتقان جاسارەتلىك ئاۋاز — ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رۇشەن ئابباسنى قارشى ئالدۇق. ئۇ زىيارەت جەريانىدا پاناما-ئامېرىكا مەركىزى (Panama American Center)، ئىستىموس ئۇنىۋېرسىتېتى (Udelistmo)، فىلورىدا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى پاناما شۆبىسى (FSU Panama) ۋە كولون مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم قويۇش ۋە سۆھبەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار، رەھبەرلەر ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنداقلا، پانامادىكى مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
بىز روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. رۇشەن، سىزنىڭ تەۋرەنمەس روھىڭىزغا رەھمەت! ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش داۋاملىشىدۇ، بىز سىز بىلەن بىرگەمىز!»

ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق ماسلىشىشچان ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ جىددىي زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىگەن.

سۈرەت مەنبەسى: ئامېرىكا پاناما ئەلچىخانىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھېساباتى