مەنبەسى: ئۇيغۇر تايمىز
2026-يىلى 25-مارت
بىر خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. خىتاي تەرەپ كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە خەلقئارالىق جازالارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك قوللاش قاتارلىق ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، تالىبان تەرەپ دىنىي رىشتە، ئەنئەنە ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى سەۋەب كۆرسىتىپ بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىغان.
شاڭخەي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ زۇڭيى يېقىندا كابۇلدا زىيارەتتە بولۇپ، تالىبان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەمىر خان مۇتتەقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ باياناتلار تۇنجى بولۇپ «ئافغان ئىنتېرنېشىنال» (Afghanistan International) تاراتقۇسى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.
مەلۇمكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مايك پومپېيونىڭ دەۋرىدە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ETIM) نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ پەردازلاپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان ئالىملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ سۈپەتلىمەكتە.
تالىبان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەلىپىنى رەت قىلدى
ليۇ زۇڭيى بىر قېتىملىق زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي تەرەپ تالىبانغا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ETIM) گە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ليۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تالىبان دائىرىلىرى ئورتاق دىنىي ئېتىقاد، تارىخىي رىشتە ۋە قەبىلە ئەنئەنىلىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن. ليۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي-تالىبان مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ — بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› مەسىلىسىدۇر. بىز تالىبان ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ئورتاق دىنىي ئېتىقاد ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغدايدىغان چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەنئەنە سەۋەبىدىن، بۇ كىشىلەرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.»
ليۇ زۇڭيى يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي تەرەپتە «ئىنتايىن ئېغىر ئىشەنچ كرىزىسى» پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ تالىبانغا ئەگەر بۇ خىل بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى (خىتاينىڭ قارىشىدىكى) داۋاملاشسا، ئافغانىستاندا زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ليۇ بۇ مەسىلىنى خىتاي-تالىبان مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر نۇقتا دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تالىبان ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ بۇنىڭغا قايىل بولمىغان ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ھېلىھەم ھەل قىلىنمىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆز ھوقۇقى، شەرىپى ۋە مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇۋېلىشنى نىشان قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ مەقسىتى — ئۆزىنى قوغداش ۋە بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئازاد قىلىشتۇر. ئافغانىستان ئادالەت، ھەق ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرماقتا. ئافغان خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختىن بۇيان قېرىنداش مىللەتلەردۇر.»
خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋە تالىباننىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى
ليۇ زۇڭيىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئافغانىستاندا يەنىلا بىر قانچە قوراللىق گۇرۇپپىلار، جۈملىدىن «ئىسلام دۆلىتى» (ISIS) نىڭ خوراسان شۆبىسى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ETIM)، پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ۋە بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى (BLA) قاتارلىقلار پائالىيەت قىلماقتا. ليۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تالىبانغا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ كېلىشى، بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ ئەھۋال چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.
بۇ خىرىسلارغا قارىماي، تالىبان ئەمەلدارلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ليۇنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان خىتاي مەبلىغىنى پەقەت بېيجىڭ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشتىكى بىر ‹كۆۋرۈك› دەپ قارايدۇ. تالىبان ئەمەلدارلىرى يەنە ئۆزلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشنى خالايدىغان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۆتمۈشتىكى ئاداۋەتلەرنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
دوكلاتتا يەنە قەيت قىلىنىشىچە، ئافغانىستان سۆھبەتچىلىرى دىپلوماتىك سودىلىشىشتا ئىنتايىن ماھىر دەپ قارىلىدىكەن. بىراق، ئامېرىكىنىڭ 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ جەرياندا سەرپ قىلغان تەخمىنەن 2 تىرىليون دوللار چىقىمىغا قارىماي، ئافغانىستان يەنىلا قاتناش تاشيوللىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى جەھەتتىكى ئېغىر كەمتۈكلۈكلەرگە دۇچ كەلمەكتە.