ئۇيغۇر پوچتىسى, 25-مارت

ئىھسان ئۇمۇن

22-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن خىزمەت بىناسىدا تەنتەنىلىك ھالدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەت ئىنىستىتۇتنىڭ خىزمەت بىناسى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق نورۇز تەبرىكلەش يىغىلىشى بولۇپ، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تەسىر قوزغىدى.


پائالىيەتكە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، پارىژ ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت كۈرىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقان فىرانسۇز ئاكتىۋىسىت ۋە زىيالىيلار قاتناشتى.

بايراملىق پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالدى. ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇللىرى، ۋەتەن ۋە ئەركىنلىك تېمىسىدىكى شىئىر دېكلاماتسىيەلىرى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى يىغىن ئەھلىگە مول بىر مەدەنىيەت زىياپىتى سۇندى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام تائاملىرى مېھمانلارغا سۇنۇلدى.

ئىنىستىتۇت خىزمەت بىناسىنىڭ مەدەنىيەت قورغىنى بولۇش رولى

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق تەرىپى، ئۇنىڭ پارىژنىڭ مەركىزىدە قۇرۇلغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ خىزمەت بىناسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نورۇز پائالىيىتى بولۇشىدۇر. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىق ۋە جەمئىيەتنىڭ ماددىي-مەنىۋى قوللىشى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ خىزمەت بىناسى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، تىلىنى ئۆگىنىش ۋە مەدەنىيىتىنى يات ئەللەرگە تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر مەركەز سۈپىتىدە باھالانماقتا.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ يىلقى نورۇزنىڭ فىرانسىيە ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:«تۇنجى قېتىم، ئۆز بىنارىمىزدا، نورۇز ۋە روزا ھېيتنى تەبرىكلىدۇق. نورۇزغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بەك خۇشال بولدى. گەرچە، ھەر يىلى ئىجارە ئېلىپ ئۆتكۈزىدىغان زاللاردەك چوڭ بولمىسىمۇ، يەنىلا ئۆز يېرىمىزدە تەبرىكلەشنىڭ ھۇزۇرى باشقا دەپ ئويلايمەن.»


ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى (IODE) 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخى بويىچە ئاكادېمىك ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياۋرۇپادا تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. پارىژدىكى بۇ خىزمەت بىناسى بولسا، ئۇيغۇر خەلقى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر كرىزىس مەزگىلىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي مەدىتگاھى ۋە مەدەنىيەت ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.