ئۇيغۇر پوچتىسى

سەنئەت ۋە مۇزىكا

يېقىندا بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سەنئەت فېستىۋالى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، گۈزەل تۇيغۇلار ۋە چوڭقۇر تەسىرلەر بىلەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدىم. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ فېستىۋالغا 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، پائالىيەتكە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىشتى.

11-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە ئىتالىيەنىڭ ۋېنېتسىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر سەنئىتى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. فېستىۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە، 13-فېۋرال كەچتە 9-ئەسىردە قۇرۇلغان سانتا مارگېرىتا ئاۋدىتورىيەسىدە (Auditorium Santa Margherita) لوندوندىكى «مىراس يىپەك يولى كوللېكتىپى» (Miras Silk Road Collective) ئۆزىنىڭ نادىر كونسېرتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتى — مۇقام ۋە ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ كونسېرت ۋېنېتسىيەلىك تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن ئامىرجان قىلىچنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئورۇنلىشىدىكى «سەن كەلمىدىڭ» ناملىق يېڭى ناخشا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ناخشا-ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى مېھرىئاي ئەركىنگە بېغىشلانغان

يېقىندا پ. چايكوۋىسكىي نامىدىكى ئالمۇتا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «قەلبىمدە سەنئەت» كۆرىك-فېستىۋالى ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولدى. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام»ىنى تەرتىپكە سالغۇچى مەشھۇر سەنئەتكار ئاماننىساخان نامىغا بېغىشلانغان بۇ نۇپۇزلۇق ناخشا-مۇزىكا مۇسابىقىسى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار، سەھنە ماھارىتى ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق يۆنىلىشلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ئالمۇتا ۋە ياركەنت شەھەرلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچى قازاق ناھىيەلىرىدىن كەلگەن 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

ئىزدەش