1958- يىل 28-نويابىر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۇننار ياررىڭغا يازغان خېتى
لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى «ياررىڭ كوللېكسىيونى» دەپ ئاتالغان گىگانت ئارخىپتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قوليازما ئەسەرلەردىن باشقا يەنە گۇننار يارىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەت-چەكلەر، كۈندىلىك خاتىرە، يانچۇق دەپتىرى، دىپلوم، تەكلىپنامە، قوليازما، لېكسىيە، ھۆججەتلەر، فوتو رەسىملەر، ئۈن-سىن ئامبىرى، كونفىرانس خاتىرىسى، ساياھەت ھۆججەتلىرى، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي ھۆججەتلەر، باسما ماتېرىياللار، خەرىتە ۋە چوڭ ھەجىملىك يۆگىمە ماتېرىياللار قاتارلىقلارمۇ تۈرلەر بويىچە رەتلىنىپ ساقلانماقتا.