ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-مارت
2026-يىلى 27-مارت، ئوتتاۋا — لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ما روڭجىڭ (Michael Ma) ئېلېكترونلۇق ماشىنا (EV) ئىمپورت سىياسىتى توغرىسىدىكى پارلامېنت كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك دەلىللىرىنى رەت قىلغاندەك كۆرۈنىدىغان ھەدىدىن ئاشقان سوئاللىرى سەۋەبىدىن ئاممىۋى كەچۈرۈم سورىدى.
2026-يىلى 26-مارتتىكى سانائەت ۋە تېخنىكا دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىستېمىلىق خورلاشلارغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.
مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى خەۋپىگە بولغان ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، كانادانىڭ ئېلېكترونلۇق ماشىنا ئىمپورت سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنغان. مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى، كانادانىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە خىتاي مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى مارگارېت مەككۇەيگ-جونستون (Margaret McCuaig-Johnston) ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن كەلگەن ئاليۇمىن، پولىسىلىكون ۋە مۇھىم مىنېرال ماددىلار — ئېلېكترونلۇق ماشىنا باتارېيەسى ۋە زاپچاسلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، بۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك يۆتكەش پىروگراممىلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قىلمىشلار ئنسانلار ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە دەلىللەنگەن.
يىغىن جەريانىدا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن لىبېراللار پارتىيەسىگە ئۆتكەن ما روڭجىڭ، مەككۇەيگ-جونستونغا ئارقىمۇئارقىدىن جىددىي سوئاللارنى ياغدۇرغان. ئۇ مەككۇەيگ-جونستوندىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى «شەخسەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى» سورىغان ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى «ئاساسسىز گەپ-سۆزلەر» (hearsay) دەپ ئاتىغان. مەككۇەيگ-جونستون كېيىن X سۇپىسىدا توردىكى ئىنكاسىدا، بۇ سوئاللارنىڭ خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ما روڭجىڭنى خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشىكە ئۇرۇنۇش ئۈچۈن سورىغان دەپ كۆرسەتتى.
X سۇپىسىدىكى كۈچلۈك ئىنكاسلار بۇ ۋەقە X سۇپىسىدا قىزىق پاراڭغا ئايلىنىپ، تەنقىدىي يازمىلار كەڭ تارقالدى. كونسېرۋاتىپ سىياسەتچىلەر كانادا پارلامېنتىنىڭ 2021-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ما خەنچېڭنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك زىددىيەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئەھۋالنى قاتتىق ئەيىبلىدى. پارلامېنت ئەزاسى راكېل دانچو (Raquel Dancho) X تىكى يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ تولىمۇ بىئارام قىلارلىق ئەھۋال. بۇ لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى راستىنلا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلدىمۇ؟ بۇ دەلىللەنگەن بىر مەسىلە. نېمىشقا بۇ پارلامېنت ئەزاسى خىتاي رېجىمىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ؟»
مايكېل گۇگلىئېلمىن (Michael Guglielmin) مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سانائەت كومىتېتىدا، لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى ما روڭجىڭ ئۆز ۋاقتىنى گۇۋاھچىغا ھۇجۇم قىلىشقا ۋە شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئېنىق دەلىللەنگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن گۇمانلىنىشقا سەرپ قىلدى. بۇ ھەرقانداق بىر كانادا پارلامېنت ئەزاسى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش.»
رومان بابېر (Roman Baber) مۇنداق دەپ يازدى: «مەن ما روڭجىڭنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تونۇيمەن. ئۇ ئۆزىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك.»