ئۇيغۇر پوچتىسى

6-مارت

ئۇيغۇر تايمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-مارتتىن باشلاپ، خىتاي شەرقى تۈركستاندا، يېڭى بىر قانۇننى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇ قانۇن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە نېمىلەرنى دېسە بولمايدىغانلىقى، قەيەرگە ساياھەتكە بارسا بولمايدىغانلىقى ۋە كىملەر بىلەن سۆزلەشسە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇ چەكلىمىلەر ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئىجرا قىلىنىدۇ مەزكۇر قانۇن يېزا-كەنتلەرگە مەخپىيەتلىك ئەمەلدارلىرىنى تەيىنلەشنى بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىن چىققان ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراك ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن يەنە، ژۇرنالېستلار، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئ‍نسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتىدۇ.

خىتاينىڭ دۆلەت مىقياسىدا بۇرۇنلا يولغا قويۇلغان «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى» بار بولۇپ، ھەر بىر ئۆلكە-رايون بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر. شۇڭا، ئاتالمىش ئۇيغۇر رايونلۇق قانۇن چىقىرىش ئورگىنى 2025-يىلى 26-نويابىردا ئايرىم بىر مەخپىيەتلىك نىزامىنى ماقۇللىغاندا، ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى دەرھال مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر قانۇنغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەردى:

«خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى بار، ئەمما ئاتالمىش «شىنجاڭ » دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر قانۇن چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. يېڭى قانۇندا ئەمەلدارلارنىڭ ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش ۋە يەرلىك ئورگانلاردا مەخپىيەتلىك ئىشخانىلىرىنى قۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئىجرا مېخانىزمى بەلگىلەنگەن.»

«كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى ئەسلەش فوندى»نىڭ مەسئۇلى ۋە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يەككە ئۇچۇرلار مەخپىي بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىر يەرگە جەم قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ’مەخپىي‘ دەپ قارىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىلگىرى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئاممىۋى ۋە ئىچكى ھۆججەتلەردە كۆرۈلگىنىدەك، رايوندىكى ئاللىقاچان ئىنتايىن قاتتىق بولغان مەخپىيەتلىك تەلىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇ نىزامى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2024-يىلى يېڭىلانغان تېخىمۇ قاتتىق مەخپىيەتلىك قانۇنىنىڭ يەرلىككە ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىدۇر.»

بۇ قانۇندىكى ئەڭ مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى تۇتقۇن قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرنى — يەنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى باشقۇرغان ئەمەلدارلارنى نىشان قىلىدۇ. 32-ماددىغا ئاساسەن، مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان ھەر قانداق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قانۇندا «مەخپىيەتلىك يېشىش مەزگىلى» دەپ ئاتالغان بىر باسقۇچقا كىرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئۇلار باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كېتەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلىدىغان ئۇچۇرلار ھەققىدە ھەر قانداق شەكىلدە ئاشكارە سۆزلىيەلمەيدۇ.

39-ماددىدا گېزىت-ژۇرناللار، تېلېۋىزىيە، تور سۇپىلىرى ياكى شەخسىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدا «مەخپىي» دەپ قارالغان ئۇچۇرلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەۋپسىزلىككە تەھدىت دەپ بېكىتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىش ئورۇنلىرى، نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە نوپۇس يۆتكەش قاتارلىق تەپسىلاتلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ماددا ئەمەلىيەتتە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنغان شۇ خىلدىكى خەۋەر قىلىش پائالىيەتلىرىنى جىنايەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان بەلگىلىمە بەلكىم 24-ماددا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماددا ئورگانلاردىن بىر يەرگە جەم قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدىكى يەككە ئۇچۇرلار مەخپىي بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە «مەخپىي» دەپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نوپۇس خاتىرىلىرى، تۇغۇلۇش ستاتىستىكىسى، دىنىي تىزىملاش سانلىق مەلۇماتلىرى — يەنى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرگۈچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمە كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن دەل مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلار توپلىمى — بۇ ماددىغا ئاساسەن پۈتۈنلەي پېچەتلىنىشى مۇمكىن.

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسنى ئۇيغۇر پوچتىسى ۋە ئۇيغۇر تايمىز ئىنگىلىزچە تو بېتىمىزدىن ئوقۇيالايسز