ئۇيغۇر پوچتىسى، ھەبىبۇللا ئىزچى

24. 03. 2026

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ۋە مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، ئاممىۋىي ئاساسى كۈچلۈك، قەدىمىلىككە، ئومۇمىيلىققا ئىگە يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەنگەن ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى.

 نورۇز، ئەسلىدە پارىسچە سۆز بولغان نەۋروز سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى»، « كۆكلەم كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى يەنى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى  كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋىي بايرام  بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىتىمىزدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.

نورۇزدا  كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان مەنىۋىي خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ. پۈتۈن يۇرت ۋە مەھەللە – كۆي بويىچە بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈلىدۇ. ئۆيلەردە بەرىكەت، موللۇققا سىمۋول قىلىنغان نورۇز ئېشى ئېتىلىپ، مەيدانلارغا داشقازان ئېسىلىدۇ. خەلق نورۇز سەيلىسى قىلىپ، نەغمە – ناۋا ۋە خوشاللىق بىلەن باھارنى يەنى نورۇزنى كۈتۈۋالىدۇ.  خەلق مەيدانلارغا توپلۇنۇپ ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چەۋگان توپ، چېلىشىش قاتارلىق تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەيدانلارغا دارۋازلىق سەھنىلىرى ۋە سارغايدىلار قۇرۇلۇدۇ، ياش يىگىتلەر، سومبۇل چاچلىق قىزلار دار ئارغامچىلىرىدا ۋە پىرقىراپ چۆرگىلەۋاتقان سارغايدىلاردا ماھارەت كۆرسۈتۈدۇ.

‎ ‎ئەنە شۇ قۇتلۇق كۈندە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلمۇ بىرگە يېتىپ كەلگەن روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزگەن بولۇپ،گېرمانىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت كومتېتىتى ۋە ئۇيغۇر ياۋروپا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى، گېرمانىيە مىيۇنخېن ياشلار مەشرىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، مىيونخېندا روزا ھېيتى ۋە نورۇز بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە مىيونخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، فرانسىيە، بېلگىيە، شىۋىتسارىيە، تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ 200 دىن جىق كىشى قاتناشقان.

بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ياۋروپا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلىشىدا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە،ئەنگىلىيە،  تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت -سەنئىتىدىن نومۇرلارنى تەقدىم قىلغان.

Screenshot

شىۋىتسارىيەدە– شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيتى ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

نورۋېگىيەدە– 20-مارت روزا ھېيت كۈنى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى،  ۋە ئۇيغۇر ياۋروپا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، بىرلىكتە يېتىپ كەلگەن روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتكە 300 دىن جىق كىشى قاتناشقان.

شىۋىتسىيەدە– شىۋىتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشىدە 20 – مارت كۈنى، روزا ھېيت ۋە بىرگە يېتىپ كەلگەن نوزۇر بايرىمىنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 ئەنگىلىيەدە– ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا 22-مارت كۈنى، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن بىرگە يېتىپ كەلگەن روزا ھېيت ۋە نورۇز تەبرىكلەنگەن.

كانادادا پايتەختى تورونتودا– كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى ۋە ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن، كاناداغا م62 پروگراممىسى ئىچىدە يېڭىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە يېڭى كەلگەن قېرىنداشلار بىلەن كونا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىدا روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمى تەبرىكلەنگەن.

ئۆزبەكىستاندا-ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشىدە، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە روزا ھېيتى ۋە نورۇز بايرىمى تەبرىكلەنگەن بولۇپ، بۇ يىغىلىشتا 90 ياشقا كىرگەن دىلبەر ئاپپاينىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىنى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مىللى ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىنى قوغداش ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى يۈرەكلەرنى تىترەتكەن.

قازاقىستاندا-قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھەر قايسى يۇرتلاردىكى يىگىت بېشىلارنىڭ تەشكىللىشىدە جەم بولۇپ، روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

ئامېرىكىدا– ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە 21-مارت كۈنى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ،يېڭىلىنىش ۋە مەنسۇپلۇق نامىدا روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

تۈركىيەدە– 21-مارت كۈنى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ساھىپخانلىقىدا ئىستانبۇلدا  ئوپچە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.   ‎

ئاۋۇسترالىيەدە– ئاۋۇسترالىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، بەش پارلامېنت ئەزاسى،ھەر قايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە 100 دىن ئارتۇق ئاۋۇسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىدا، ئاۋۇسترالىيە پايتەختى سېدنېيدا روزا ھېيت ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن