ئۇيغۇر پوچتىسى، 28-فېۋرال

ئالپ

 ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ 2017-يىلىدىكى ئاشكارا باستۇرۇش باسقۇچىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە سىستېمىلىق بولغان يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يېقىندا «ئەرەبى 21» (Arabi21) تورىغا بەرگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاكتىكا ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ پاجىئەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلدى.

مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئىجرا قىلىنغان مەسچىت چېقىش ياكى ساقال-بۇرۇت چەكلەشتەك سىياسەتلەرنىڭ ئورنىغا، ھازىر تېخىمۇ يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان «يۇمشاق قىرغىنچىلىق»نى يولغا قويغان. سۆھبەتتە دېيىلىشىچە، خىتاي بۇ باسقۇچتا بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى سىستېمىلىق ئازايتىش ۋە كىشىلەرنى تۈرمە تۈسىنى ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا قاماش ئارقىلىق، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى جىمجىت يوقاتماقتا.

مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇر سۆھبەت جەريانىدا ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن سۈكۈت قىلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت كېلىشىملىرىنى دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق كرىزىسىدىن ئۈستۈن قويۇشى «ئىقتىسادىي تەسلىمىيەتچىلىك»تىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ سۆھبەتتە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلىشى، ئىسلامىي قېرىنداشلىق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ تارىخىي خاتالىق سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى.

مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇر يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى خىتاي ئېيتقاندەك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دەپ قوبۇل قىلىشىنىڭ، خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشىغا ۋە دۇنياغا «ۋەزىيەت نورماللاشتى» دەپ تەشۋىق قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب خەلقلىرىنى ۋە سىياسىي كۈچلىرىنى ئويغىنىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر سىياسىي تالاش-تارتىش ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ۋىجدانى ۋە مىللىي غۇرۇرى سىنىلىدىغان بىر مەيدان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەرەبچە قاناللاردا ھەر خىل سۆھبەت ۋە پروگراممىلاردا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەت «ئەرەبىستان 21» (Arabi21) تورىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشچە، ئەرەبى 21» (Arabi21) — 2013-يىلى قۇرۇلغان، مەركىزى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان، ئەرەب تىلىدا خەۋەر ۋە تەھلىل ئېلان قىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇستەقىل رەقەملىك تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، يەرشارى خاراكتېرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت خەۋەرلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن.

مەنبە: ئەرەبى 21