ئۇيغۇر پوچتىسى، 18-مارت
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ 12-ﻣﺎﺭﺕ «ﺋﺎﺭﺗﯧﻤﯩﺲ 2-ﻧﻮﻣﯘﺭ»ﻟﯘﻕ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﭼﯘﺵ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﻐﺎﻥ.
«ئارتېمىس 2» (Artemis II) ۋەزىپىسى ناسانىڭ مەزكۇر راكېتاسى تۇنجى قېتىم ئادەم توشۇيدىغان ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ. بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئايغا سەپەر قىلىدىغان تۇنجى كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) ئۆتكەن ھەپتە ، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 1-ئاپرېل كۈنى تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۆپچىلىك ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن ئاينى چۆرىدەپ ئۇچۇش سەپىرىگە ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
10 كۈنلۈك بۇ ۋەزىپىدە، ناسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى رېد ۋايسمەن (Reid Wiseman)، كىرىستىنا كوك (Christina Koch) ۋە ۋىكتور گلوۋېر (Victor Glover) شۇنداقلا كانادا ئالەم ئۇچقۇچىسى جېرېمىي خانسېن (Jeremy Hansen) دىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئاينى چۆرىدەپ ئۇچۇشى ھەمدە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئىنسانغا قارىغاندا يەر شارىدىن تېخىمۇ يىراققا سەپەر قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نۆۋەتتە خيۇستوندىكى ناسا جونسون ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە مەشىق قىلماقتا. ئۇلار قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى مىكروپلار بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلەش ئۈچۈن، چارشەنبە كۈنى شۇ يەردە كارانتىنغا كىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ناسا تەكشۈرۈش يەر يۈزى سىستېمىسى پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى شان كۇئىن (Shawn Quinn) نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ھەممە ئىش پىلان بويىچە بولسا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى 27-مارت كۈنى كېننېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىگە بارىدۇ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ 19-ﻣﺎﺭﺕ «ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﯞﻩ «ﺋﻮﺭﯨﺌﻮﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻓﯩﻠﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻨﻨﯩﺪﻯ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻥ. ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ-ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
ناسا يېقىندا ئۆزىنىڭ «ئارتېمىس» (Artemis) ئاي شارى پىلانىدا زور تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «ئارتېمىس 2» دىن كېيىن، ئورگاننىڭ ئەسلىدىكى پىلانى «ئارتېمىس 3» ۋەزىپىسى ئارقىلىق 2028-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا قوندۇرۇش ئىدى. ئەمما، بۇ ۋەزىپە ھازىر 2027-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئۇ تۆۋەن يەر ئوربىتىسىدا قېلىپ تېخنىكا سىناقلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سىناقلار SpaceX ۋە Blue Origin شىركەتلىرى سودا خاراكتېرىدە ياسىغان بىر ياكى ئىككىلا ئايغا قونۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تۇتاشتۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبەسى: ئامېرىكا ئەن ن ب سى خەۋەرلىرى