ئۇيغۇر پوچتىسى، 16.مارت
ئالپ

سۈرەت مەنبەسى: ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) / Flickr
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئىقتىساد ۋە سىياسەت مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان «The Wire China» تورىدا 2026-يىلى 15-مارت كۈنى نۇھ بېرمان (Noah Berman) ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان يېقىنقى بىر ماقالە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇساپىسىدە سۈرئەتنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ « ئامېرىكا بىرىنچى » سىياسىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سودا مەنپەئەتىنى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىش پوزىتسىيەسى، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قانۇننىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.
ماقالىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە تۇتقان «سودا خاراكتېرلىك» پوزىتسىيەسى بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارشىچە، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ساپ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە كۆرمەستىن، بەلكى خىتاي بىلەن بولغان باج ۋە باشقا سودا سۆھبەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ بىر «باھا تاللىشىش كارتى» سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە مايىل ئىكەن. بۇ خىل يۈزلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىدىن پۈتۈنلەي چەكلەش ئىرادىسىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ماقالىدىكى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ: ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى توختاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ قىممىتى 178 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ 2024-يىلىدىكى 1.4 مىليارد دوللارلىق توختىتىش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا 87 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئەمگەك قارا تىزىملىكىگە بىر يىلدىن بۇيان بىرەر يېڭى شىركەتنىمۇ قوشمىغان.
ماقالىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىچىدىكى بىر قىسىم كۈچلۈك سودا گۇرۇھلىرى ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قىلىۋاتقان بېسىمى (Lobbying) كۆرۈنەرلىك ئاشقان؛ بولۇپمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مۇرەككەپلىكنى باھانە قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلغان. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش» ۋەدىسى بۇ كارخانىلارغا يول ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە ئنسان ھەقلىرى چەكلىمىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پايدا ئالدىدا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى كۈچەيگەن.
ماقالىدە يەنە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي لوگىكىسىدىكى زىددىيەتلەرمۇ تەنقىد قىلىنغان. ھۆكۈمەت خىتايغا قاراتقان باج سىياسىتىنى «دۆلەت مەنپەئەتى» دەپ جار سالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ بازارغا كىرىشىگە ۋاسىتىلىك سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق جانلاندۇرماقچى بولغان. «باجنى كۆپ تۆلىسەڭ بازارغا كىرىۋەر» دېگەن بۇ خىل پوزىتسىيە خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى سودا ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن خەتەرلىك سىگنالنى بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋاسىتىلىك يول ئېچىپ بەرمەكتە.
گەرچە ۋەزىيەت شۇنچە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن ئەزالارنىڭ بۇ قانۇننى قوغداش ئىرادىسى يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى بولۇپ قالماقتا. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىيە جەريانىدىكى بوشاڭلىقىنى ئەيىبلەپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ پەقەت بىر سىياسىي قورال ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى قوغدايدىغان بىر سىناق تېشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
خۇلاسىلىگەندە، «The Wire China» تورى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پاكىتلار، تىرامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ «ۋىجدان بىلەن پايدا» ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىياسىي مەنپەئەتلەر ئنسان ھەقلىرى پىرىنسىپلىرىدىن ئۈستۈن تۇرسا، بۇ پەقەت بىر قانۇننىڭ مەغلوبىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارالىق ئەخلاق ۋە ئادالەتنىڭ يىمىرىلىشى بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: https://www.thewirechina.com/2026/03/15/has-trump-shelved-the-uyghur-forced-labor-law/