مەرۋايىت ھاپىز

بۇ ماقالەمنى مەرھۇم رەسسام رۇسلان يۈسۈپ ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقىغا بېغىشلايمەن.

ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق تەسەۋۋۇرى مەۋجۇد دۇنيادىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۇلار كۆرگەن، بىلىدىغان ھاياتنىڭ، تەبىئەتنىڭ گۈزەل تەسەۋۇرى ۋە  تەسۋىرلىرىدىن شەكىللىنىدۇ. بىز يەر شارىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى، ئاسمان جىسىملىرىنى ۋە كائىناتتىكى كۆزىمىزگە چېلىقىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرنى كۆرۈش، ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمىز. شۇڭلاشقا، كىشىلەر بەزى  سەنئەت ئەسەرلىرىنى، بولۇپمۇ ئابستراكت ئەسەرلەرنى رېئاللىقتىن چەتنىگەن ياكى غايىۋى بىر دۇنيا دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ رېئاللىق بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشى بولغان بولىدۇ. 

ئىنسانىيەتتە دەسلەپكى ئاڭ شەكىللەنگەن دەۋرلەردە، كىشىلەر ئاددى سىزىقلار ئارقىلىق ئاسماندىكى كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى، يەردىكى ھايۋاناتلار، ئۇچار قۇشلار ۋە ھاشارەتلەرنى تاغلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرنىڭ تاملىرىغا سىزغان ھەم تاشلاردىنمۇ ھەيكەللەرنى ياسىغان. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ، رەسساملىق ئاددى شەكىللەرنى يارىتىشتىن ھالقىپ، شەيئىلەرنىڭ سۈپەت ۋە رەڭ ئالاھىدىلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بوشلۇقتىكى ھالىتىنىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەنتەسۋىرلەيدىغان باسقۇچقا يەتكەن. 

جەمئىيەتنىڭ توختاۋسىز ئىلگىرىلىشى سەنئەتكارلارنى شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنىلائەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى، روھىي ھالىتىنى، ھاياتى كۈچگە ئىگە جاسارىتىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئازاپ – ئوقۇبەتلىرىنى ئىپادىلەشكە يېتەكلىگەن. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆز ئىچكى دۇنياسىدىكى ئەڭ نەپىس، نازۇك ۋە چوڭقۇر چۈشەنچىلىرىنى يۇقىرى بەدئىيلىكتە ناھايىتىمۇ ئەركىن ئىپادىلەپ، ئىنسانىيەتكە سەنئەت گۆھەرلىرىنى سۇنغان.تارىخ چاقى بۇ رەڭدار مەزمۇنلارنى يەكۈنلەپ، ئۇلارنى ئىمپرەسسىئونىزىم، ئېكسپرەسسىئونىزىم، سۇررىئالىزىم ۋە دادائىزىم قاتارلىق سەنئەت ئېقىملىرىغا ئايرىغان. 

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆزلىسەك، ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتى گۈزەل – سەنئەتنى كائىناتقىچە يېتەكلىدى. ئاسماننىڭيەتتە قېتىدىكى سىرلىق رەڭ ھادىسلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان سۈرەتلەردىن كۆردۇق. ئاسمان بوشلۇقىدىكىتىل ۋە شەكىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدىكى بۇ گۈزەللىك كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان بولسا، سەنئەتكارلارنىمەستخۇش قىلىپ، رەسساملىق دۇنياسىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇرۇن ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئايرىم-ئايرىم ساھەلەردە ئۆز رولىنى ئۆتىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بىر -بىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ، ئورتاقبىر نۇقتىغا يۈزلەنمەكتە.

دۇنيا سەنئىتىنىڭ تەرەقىيات مۇساپىسىدە، ئۇيغۇر رەسساملىرىمۇ دۇنياۋى سەۋىيە بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىمەكتە. UNESCO تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزىنىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، دۇنيا مۇزىكانتلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر 12 مۇقامىدەك نادىر سەنئەتنى ياراتقان بىر مىللەتنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدىكى رەسساملىق سەنئىتىگە ئىگە بولۇشى مۇقەررەر ئەلۋەتتە. قەدىمقى كۈسەن دۆلىتىگە تەۋە كۇچا قۇمتۇر مىڭئۆي تام رەسىملىرى، باي رايونىدىكى قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى ۋە تۇرپان ئىدىقۇت دەۋرىگە ئائىت تام رەسىملىرى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتىدۇر. بۇندىن مىڭ نەچچە يۈزيىللار ئىلگىرى، بۇدا دىنىي تەلىماتلىرى ئاساسىدا تاش كامېرالارغا سىزىلغان بۇ رەسىملەر بۈگۈنكى كۈندە «مىڭئۆي تام رەسىملىرى» ياكى «تاش كامېر سەنئىتى» دىگەن نام بىلەن گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، شىۋېتسارىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا قىممەتلىك گۆھەر سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. 

گەرچە ئۇيغۇر رەسساملىقى مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق تەرەققىيات توختاپ قالغان بوشلۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى بىر ئەسىر مابەينىدە رۇسىيە ۋە ياۋروپا رەسسامچىلىقىنىڭ تەسىرىدە قايتا جانلاندى. ئەسلىدىنلا ئەقىل – پاراسەتلىك، سەنئەتكار مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن، رەسساملىقىمىز ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دۇنيانىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ماسلاشتى. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن باشلاپ، مەرھۇم رەسسام غازى ئەمەت باشچىلىغىدىكى تالانتلىق رەسساملار تۈركۈمى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۇنياۋى ئىلغار ئېقىم ۋە ئۇسلۇبلار بىلەن يېڭى دەۋر رەسساملىقىمىزنىڭ ئاساسىنى سالدى. قازاقستاندا ياشاپ ئۆتكەن ھۆرمەتلىك مەرھۇم رەسسام رۇسلان يۈسۈپ ئەنە شۇ خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى تالانتلىق رەسساملىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر.

مەرھۇم رەسسام رۇسلان يۈسۈپ 1950 – يىلى 4 – مايدا غۇلجا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن، 1955 – يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقسىتاننىڭ ئالماتا شەھرىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1970 – يىلى ئالماتا سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىنى،1979 – يىلى تاشكەنت تېياتىر ۋە گۈزەل – سەنئەت ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. رەسسام 1972 -يىلىدىن باشلاپ رۇسىيەدەدۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان بولۇپ، 1980 – يىلدىن تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئالماتا گۈزەل – سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن. قازاقىستان ۋە رۇسىيەدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بەلگىلىكتەسىر پەيدا قىلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىمىزنىڭ بىرى سانالغان رۇسلان يۈسۈپ 1995 – يىلى ئۇيغۇر دىيارى سەنئەتئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتىدا بىر يىل كەسپىي دەرس بەرگەن. ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن تالانتلىق رەسسام 2021- يىلى 3 – ئاينىڭ 31-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالماتىدا ۋاپات بولغان.

رەسسام بالىلىق چاغلىرىنى ئالماتىدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشى ۋە  ھۆرمىتى ھېچقاچان سۇسلاشمىغان. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە باشتىن – ئاخىر ئۇيغۇر ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ كەلگەن. 1995 – يىلىدىكى ۋەتەن سەپىرى ئۇنىڭ سېغىنىش تۇيغۇسىنى ۋولقان كەبى پارتىلاتقان، شۇندىن كېيىن رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ ھاياتى كۈچكە تولغان يېڭىچە بىر كەيپىيات شەكىللەنگەن، ئىشلەتكەن ئاساسلىق رەڭلىرى قىزىل، سېرىق ۋە ئاپلېسىن بولۇپ، مويقەلەم تەۋرىتىشلىرىمۇ ناھايىتى كەسكىن ۋە قەتئىي بولغان. ئىدىقۇتنىڭ قەدىمىيلىكى، تۇيۇق ۋە تەكلىماكاننىڭ جەزبىدارلىقى، يالقۇنتاغنىڭ ھەيۋىسى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرىدىن ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ ئوتقاشتەك ھارارىتىنى، رەسسامنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئويلىرى، سىزىپ تۈگەتكۈسىز چەكسىز ئىلھام ۋە ھېسياتىنى تۇيىمىز، يىراقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇقام ساداسىنى، قۇم دېڭىزىنىڭ ئازاپلىق تولغىنىشلىرىنى، سىرلىق تىمتاسلىقنى ھېس قىلىمىز. بارخانلىق ۋادىلاردىكى باھارغا بولغان تەلپۈنۈش بىزنىڭمۇ ۋۇجۇدىمىزدا جۇش ئۇرىۋاتقاندەك، سەپ تارتىپ كېتىۋاتقان كارۋانلارنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازلىرى قۇلىقىمىزغا ئاڭلانغاندەك بولىمىز. رەسسامنىڭ سېھىرلىك قەلىمىدە نەررە تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى پالۋانلارنىڭ غەزەپ – نەپرىتى، بەيگىدىكى چەۋەندازلارنىڭ غەيرىتى، ساماغا چۈشكەن ئەزىمەتلەرنىڭجۇشقۇنلۇقى، ۋولقان كەبى پارتىلاش ئالدىدىكى تۇپراقنىڭ گىگانت ھەيۋىسى، يولۋاس كەبى ئەجدادلار روھى ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ زېمىنغا بولغان سۆيگۈسىنى، شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى سۈپىتىدىكى ئىپتىخارلىقتۇيغۇسىنى، غۇرۇرىنى ۋە ھەسرىتىنى، ئوتقاشتەك ئىسسىقتا تىتىلىپ كەتكەن تۇپراقنىڭ قىياپىتىنى، بوران – چاپقۇنلار شەكىللەندۈرگەن قۇم بارخانلىرىنىڭ سۈرلۈك كەيپىياتىنى ئۆزىگە خاس بولغان سەنئەت تىلى بىلەن يۈكسەك ماھارەتتە ئىپادىلىگەن ۋە بەدئىيلىكى يۇقىرى بولغان بىباھا سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ قالدۇرغان.

ئاپتوردىن ئەسلىمە: 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدا رەسسامغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا: «ئۇكام، مەن ھازىر تەكلىماكاننى قېزىپ، تېگىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىمەن» دېگەن ئىدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئەھۋاللاشقىنىمىزدا، ئۇنىڭ «ئۇكام، مەن ھازىر تەكلىماكاننىڭ تېگىدىن ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقىۋاتىمەن» دېگەن ئوبرازلىق سۆزلىرى يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى. رەسسام ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق كەسپىي سۆيگۈسىنى تەبىئەتكە بېغىشلىغان ۋە ۋە ھەقىقىي گۈزەللىكنى، قىممەتنى تەبىئەتتىن ئىزدىگەن ئىدى. بىر قېتىملىق پارىڭىمىزدا ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «تەبىئەتتىكى گۈزەللىك مەن سىزغان رەسىملەردىكىدىنمۇ جانلىق ۋە گۈزەل. كۆچەت تىكسىڭىز مېۋە بېرىدۇ، گۈل تېرىسىڭىز پورەكلەپ ئېچىلىپ، سىزنى خۇشال قىلىدۇ». رەسسامنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشى ۋە چوڭقۇر ئىچكى ھېسىياتىنى، ھاياتلىقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى شۇ قەدەر ئېنىق ئىپادىلەپ تۇراتتى. 

     2026 – يىلى، مارت  

                                                                               

مەرۋايىت ھاپىز-Marwayit Hapiz-ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان سەنئەتكارى بولۇپ، ئۇنىڭ 2003-يىلى ئىجات قىلغان «تەكلىماكان»، «كارۋان» ۋە «قەدىمىي كوچا» قاتارلىق سەككىز پارچە نادىر ئەسىرى روھىيەتتىكى ۋەتەن ساياھىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان مەرۋايىتنىڭ ئەسەرلىرى خەلقئارالىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى مەخسۇس سەھىپىدىن ئوقۇڭ؛