ئۇيغۇر پوچتىسى، 23-مارت 

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھەققىدىكى مەخسۇس تەشۋىقات پائالىيىتىدە، تۈركىيە ۋە قازاقىستان دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، سودا، ئۆزئارا باغلىنىش ۋە ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» (China Daily) ۋە CGTN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي پائالىيەتتە، بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىلىرى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دىكى سىياسەتلىرىنى ئاشكارە مەدھىيەلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر دىپلوماتلار ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئۆزئارا باغلىنىش، سودا ۋە چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقتىكى «كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەھمىيىتى»نى تەكىتلىگەن. ئۇلار رايوننى «خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى مۇھىم دەرۋازا» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە 40 دۆلەتتىن كەلگەن 72 ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، مۇزاكىرىلەر رايوننىڭ «ئۆزئارا باغلىنىش، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى» ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىغا مەركەزلەشكەن.

قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاخرات نۇرىشېۋ مەزكۇر رايوننىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا «ئالاھىدە ئورنى» بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ «چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنىڭ گەۋدىلىك ئۈلگىسى» ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ قازاقىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان 1700 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگراسىنى تەكىتلەپ، رايوننىڭ قازاقىستان ئۈچۈن «خىتايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچى»، شۇنداقلا «ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى»گە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلغان. نۇرىشېۋ تەمىنلىگەن سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 48.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەزكۇر رايون بىلەن بولغان سودا 23.5 مىليارد دوللارنى (يەنى ئومۇمىي سودىنىڭ %48 تىنى) ئىگىلىگەن.

تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنالمۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ «ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى» بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۈنال 2025-يىلى نويابىردىكى زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىيات ئۈچۈن قوللانغان «پۇختا تەدبىرلىرىگە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغانلىقىنى» ئېيتقان.

ئۇ يەنە ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى «ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ ھەمدە مەدەنىيەت ۋە خەلقلەر ئارا ئالاقە ئارقىلىق ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلغان. خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى CGTN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈنال يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا تۈركىيە مىنىستىرلىرى، تاراتقۇلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يەرلىك دائىرىلەرگە «قىزغىن مېھماندوستلۇقى» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

بۇ ئىككى ئەلچىنىڭ باياناتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى «مۇقىم ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان» قىلىپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. تۈركىيە ۋە قازاقىستان ھەر ئىككىسى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى، جۈملىدىن چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە سودا پىلانلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يېقىنقى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشتىن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى قاچۇرغان. فىدان بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن.

بۇ خىل پوزىتسىيەلەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان تۈرك دۆلەتلىرىنى — جۈملىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى — ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا تېخىمۇ كۈچلۈك مەۋقەدە تۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. تەنقىدچىلەر بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن كۆرە بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ خاراكتېرلىگەن، بىر قىسىم دۆلەتلەر بولسا ۋەزىيەتنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان.

مۇھەرىرى: گۈلقىز