ئۇيغۇر پوچتىسى، 31-مارت
2026-يىلى 12-مارت خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر كىملىكىنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى باشلىدى.
ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا مەسچىت، مازار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى كەڭ خەۋەر قىلىنغان. شەرقى تۈركستاندا، مائارىپتا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى دىنىي بەلگىلەرنى ئېلىۋەتكەنلىكى، ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلغانلىقى كەڭ كۆلەمدە دەلىللەنگەن ئىدى. ئەمما، مارتنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرىغا چېقىشقا باشلىغان يېڭى پاكىتلار ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت بەلگىلىرى بولغان لوزۇنكا ۋە تاختايلاردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر، ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا نەقشلەنگەن بىنا-ئىمارەتلەرنى چېقىش ئارقىلىق ئاخىرقى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقتىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندەك قىلىدۇ.
27-مارت ئەتراپىدا، «ئۇيغۇر تايمىز» (Uyghur Times) ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن كەلگەن كۆپلىگەن سىنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلاردا شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ دۇكان، ئاشخانا، تاللا بازارلىرى، ھەتتا شەخسىي كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلىرىنى ئېلىۋېتىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ لوزۇنكا ۋە تاختايلاردا پەقەت خىتايچە خەتلەرلا قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارا كۆرگىلى بولىدۇ.
خىتاينىڭ «دوۋيىن» (TikTok) سۇپىسىدا كەڭ تارقالغان بىر سىندا، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تىرانسپورت مەركىزى بولغان «ئۈچتاش قاتناش بېكىتى» (سەندوڭبى قاتناش بېكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى بىناكارلىق ئامىللىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىندا، شۇ جايغا يېقىن تۇرغان بىر ئۇيغۇر كىشى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
«بۈگۈن بىز ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئۇ بىزنىڭ ئەسلىمىلىرىمىزنى ساقلىغان ئىدى. نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن سەپەرلىرىمىز مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشاتتى. ئەمدى ئۇ يوق بولدى.»
باشقا سىنلاردا ئىشچىلارنىڭ شەھەر رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلارنى چېقىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. بىر ۋىۋىسكىغا «ئۆي مۈلۈكچىلىك، ئېلىم-سېتىم» دەپ يېزىلغان بولۇپ، يەنە بىر ئېلىۋېتىلگەن ۋىۋىسكا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. سىن ئارقا كۆرۈنۈشىدە بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ھەسرەت بىلەن: «بۇ تېخى تۈگىمىدى. بىر كۈنى چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ،» دېگەنلىرى ئاڭلىنىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت يېڭى قانۇن رامكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل كىملىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن ئىبارەت تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇنۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بۇ قانۇننى قاتتىق ئەيىبلىگەن.