ئۇيغۇر پوچتىسى

سياسىي ھەرىكەتلەر

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا، خىتاي كونسولىنىڭ ھىمايىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تىنچ نامايىش قىلىۋاتقاندا جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، گوللاندىيە تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 

 ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەتئېمىن ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ 2017-يىلىدىكى ئاشكارا باستۇرۇش باسقۇچىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە سىستېمىلىق بولغان يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يېقىندا «ئەرەبى 21» (Arabi21) تورىغا بەرگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاكتىكا ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ پاجىئەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى رۇشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس پانامادا مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلغان.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا، خىتاي كونسولىنىڭ ھىمايىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تىنچ نامايىش قىلىۋاتقاندا جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى، گوللاندىيە تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 

16-فېۋرال گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى 14-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي چاغان بايرىمى پائالىيىتىدە، تىنچ شەكىلدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، زورلۇق بىلەن نەق مەيداندىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىلغان.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كېڭەش يېغىنى»دا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ پەقەت بىر رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى يەر شارى بېخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2-فېۋرالدىن 4-فېۋرالغىچە داۋاملاشقان بۇ يېغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى «يەر شارى بېخەتەرلىكىدە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ رولى» بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلار يېغىننىڭ جىددىي كۈنتەرتىپىگە ئايلاندى.

«ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» ئۇيغۇر دىئاسپوراسدىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن: 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (UZDM) دىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 27-مارت  گوللاندىيەدىكى  زىيارىتىنى تاماملىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارادا تونۇلغان ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم 28-دېكابىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيىرفەكس شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا، دۇنيا موڭغۇللار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى شى خەيمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.

ئىزدەش