شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2026-يىلى 26-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە سېنلىڭ (岑岭) ناھىيەسى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان سېنلىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى «شىنخۇا» بازىرىغا جايلاشقان.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «خەلق تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تەستىقلانغان.
«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئارخېئولوگىيەلىك پائالىيەتلىرى پەن-تېخنىكىلىق تەتقىقاتتىن بەكرەك، سىياسىي تەشۋىقاتقا خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىتىش قارارى — مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قىزىقتۇرۇشى ياكى تەھدىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە ساياھەت قىلىشى ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلدى.
قەشقەر-ئۆزبېكىستان تاشكەنت ھاۋا يولىدا قاتناش باشلاندى.قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاھالىسى ئۇيغۇردۇر. قەشقەر تارىختا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ۋە داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتىدۇر.قەشقەر تارىختا يەنە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ئىلىم-مەرىپەت ساھەسدىكى مۇھىملىقى بىلەن سانى بۇخارا، يەنى ئىككىنچى بۇخارا دەپمۇ ئاتالغان.
ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا مەسچىت، مازار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى كەڭ خەۋەر